باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2014 – يىللىق ئۇيغۇرچە «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى يازغۇچى- تەرجىمانلار ئەسەر تۈزىتىش كۇرسى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى

سەرخىل ئەسەرلەر بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈيلەيمىز

2014.09.28 17:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى:

  ئۆز مۇخبىرىمىز دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى خەۋىرى: ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات–سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى تەھرىراتى بىرلىكتە تەشكىللىگەن 2014–يىللىق ئۇيغۇرچە «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ يازغۇچى، تەرجىمانلار ئەسەر تۈزىتىش كۇرسى يېقىندا ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن ئىسمائىل تىلىۋالدى، ئىسمائىل ئەھمەدلەر يىغىنغا كېلىپ، يازغۇچى ۋە تەرجىمانلارنى يوقلىدى.

  «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن چىقىدىغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك بىردىنبىر ئەدەبىي ژۇرنىلى بولۇپ، ئۇيغۇرچە «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژورنىلى تەھرىراتى قۇرۇلغان بەش يىلدىن بۇيان 30 سان نەشر قىلىنغان. ھازىرغىچە 50 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر يازغۇچىسى ۋە 160 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر تەرجىماننىڭ 30 مىليون خەتتىن ئارتۇق ئەسەرلىرى نەشر قىلىنغان. بۇ يىل يەنە ئوسمانجان ساۋۇت قاتارلىق داڭلىق يازغۇچىلارنىڭ مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرى ئوقۇرمەنلەرگە سۇنۇلغان.

  «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى شى يىنىڭ مۇنداق دېدى: ئۇيغۇرچە «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» نەشىر قىلىنغان بەش يىلدىن بۇيان، ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ نادىر ئەسەرلىرى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت ساھەسىدىكى يېڭىلىقلارنى تونۇشتۇرۇپ تۇردى. بۇ يىل ئىيۇندا «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» نىڭ خەنزۇچە نەشرى 8–سانىدا شىنجاڭدىكى 15 داڭلىق ئۇيغۇر يازغۇچى، شائىر، ئوبزورچى ۋە تەرجىماننىڭ 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر يازغۇچى، شائىر، تەرجىمانلار بىلەن بىرلىكتە يازغان ئىمزالىق خېتى ـــ «سۈكۈت قىلماسلىق بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز ۋە بۇرچىمىز ــ ئۇيغۇر ئەدىب، يازغۇچىلاردىن خەلقىمىزگە ئوچۇق خەت» نى بېرىلدى؛ ئۇيغۇرچە «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» نىڭ 4–سانىدا يەنە ۋەتەنپەرۋەر شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ «جۇڭگو»، نىمشېھىتنىڭ «سېغىندىم»، تېيىپجان ئېلىيوفنىڭ «ۋەتەن ھەققىدە غەزەل» ناملىق ئەسەرلىرىنى بېرىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە شىنجاڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن سادايىمىزنى ياڭراتتۇق. بىز بۇ قېتىمقى كۇرس ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ نادىر ئەسەرلەرنى قوبۇل قىلىپ، سەرخىل ئەسەرلەر بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈيلەيمىز.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق كۇرستا ئابلىكىم ھەسەن قاتارلىق 30 نەچچە ئۇيغۇر يازغۇچى ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرغان. جۇڭگو نەشرىيات گۇرۇھىنىڭ سابىق باش لېدىرى، داڭلىق يازغۇچى نيې جېننىڭ، ئازاد سۇلتان، ئىمىن ئەھمىدى قاتارلىقلار كۇرسانتلارغا ئەدەبىي ئىجادىيەت، تەرجىمە ماھارىتىدىكى نۇقتىلار ھەققىدە دەرس ئۆتكەن.

  مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر