باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۈمە تايىر داموللىنى قەسلەپ ئۆلتۈرۈش دېلوسىغا بىرىنچى سوتتا قاراپ چىقىپ ئىككى كىشىگە ئۆلۈم جازاسى، بىر كىشىگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىش ھۆكۈمى چىقىرىلدى

2014.09.30 01:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  28-چېسلا قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 1-سوتتا ئوچۇق سوت ئېچىپ غېنى ھەسەن قاتارلىق ئۈچ جاۋابكارنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتىنى تەشكىللەپ، ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىپ ۋە قاتنىشىپ جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قەشقەر ھېتگاھ جامەسىنىڭ ئىمامى جۈمە تايىرنى قەسلەپ ئۆلتۈرۈش دېلوسىغا قانۇن بويىچە تېرورلۇق تەشكىلاتى تەشكىللەش، رەھبەرلىك قىلىش جىنايىتى، قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى قاتارلىق جىنايەتلەرنى بېرىپ، جاۋابكار غېنى ھەسەن، نۇرمەمەت ئابدىلمىتقا ئۆلۈم جازاسى بېرىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلدى، ئاتاۋۇللا تۇرسۇنغا تېرورلۇق تەشكىلاتىغا قاتنىشىش، قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىپلەپ مۇدەتسىز قاماق جازاسى بېرىلدى ۋە سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىندى.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر