باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئاپتونوم رايون بويىچە 2014-يىللىق شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئاساسى قاتلامدا تەشۋىق قىلىش ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتى چەرچەندە(1)

2014.09.29 16:20   مەنبە: خەلق تورى

ئاپتونوم رايون بويىچە 2014-يىللىق شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئاساسى قاتلامدا تەشۋىق قىلىش ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتى چەرچەندە(1)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى:

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر بىرلەشمىسىنىڭ تەشكىللىشىدىكى 2014-يىللىق شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئاساسى قاتلامدا تەشۋىق قىلىش، ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيتى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى چەرچەن ناھىيەسىدە ئېلىپ بېرىلدى. شىنجاڭ ئۇنىۋىرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتۇرانتلار يېتەكچىسى ئوسمان ئىسمايىل تارىم ئەپەندى دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ خەلقئارادا كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان يامان ئاقىۋىتى، بۇ خىل ئىدىيىنىڭ رايونىمىزغا تارقىلىپ كىرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزاق ئەسىرلەردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتىگە ۋە نۆۋەتتىكى زامانىۋىي مەدەنىيەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلىشى، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغا كەلتۈرگەن توسقۇنلۇقلىرى ھەققىدە سىستېمىلىق چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتى، شۇنداقلا مىللەت، دىن ۋە تەرەققىيات ئۇقۇملىرىنى چوڭقۇر شەرھىيلەپ ئۆتتى. بۇ قېتىمقى نوتۇق سۆزلەش پائالىيىتىگە دىنى زاتلار، پېشقەدەملەر ۋە دېھقان ئامما قاتناشتى. لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىدىن كېيىن مەسچىتلەرنىڭ ئىماملىرى ئوسمان ئىسمايىل تارىم ئەپەندىم بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىپ، ئۇنىڭ ئۆزلىرى بىلەن كۆپرەك پىكىرلىشىپ، نەزەر دائىرىسىنى يەنىمۇ يوقىرى كۆتۈرۈشكە ياردەم بىرىشنى ئۈمىد قىلدى.

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز