«ۋەتەن قوينىدا ـــ ھەر مىللەت ئائىلىسى خۇشال بىر ئائىلە كىشلىرىدۇر» تېمىسىدىكى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى 26-سېنتەبىر شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا ئۆتكۈزۈلدى .
مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ، مۇئاۋىن رەئىس ، شۇجىچۇنىڭ 1-شۇجىسى سۇڭ شيۇيەن ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىنجان تۇراخۇن ، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى ، شۇجىچۇنىڭ شۇجىسى جياۋ ياڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاپپار ھەبىبۇللا ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى رىزۋان ئەبەي ، خېڭيۈەنشياڭ (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى چېن جوڭۋېي ، ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات-نەشرىيات-رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى (نەشر ھوقۇقى ئىدارسى) نىڭ باشلىقى گۈلشەن تۇراخۇن ، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ، مۇئاۋىن رەئىس خوۋ خەنمىن ، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، رەئىس خاسىيەت ئېلى ، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋاڭ ۋېيگو ، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ باشلىقى ياڭ خۇڭشىن قاتارلىقلار كېچىلىككە قاتناشتى .
ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك ئاياللار قۇرۇلتىيىنىڭ 300 نەپەر ۋەكىلى ، شىنجاڭغا ياردەم بەرگۈچى 12 ئۆلكە ، شەھەر ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەھبەرلىرى ، مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ‹‹ئەڭ گۈزەل ئائىلە ›› ۋەكىللىرى ، ھەرقايسى ۋىلايەت ، ئوبلاست ، شەھەر ، يېزىلارنىڭ ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ مۇدىرلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ ئورگان كادىرلىرى ، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەزالار ۋەكىللىرى قاتارلىقلاردىن بولۇپ 700 دىن ئارتۇق كىشى كېچىلىككە قاتناشتى .
كېچىلىكتە ‹‹ ھەر مىللەت ئائىلىلىرى خۇشال-خۇرام جەم بولۇپ ، گۈزەل ، بەختلىك تۇرمۇش ھەققىدە ھال-مۇڭ بولۇش!›› باش تېما قىلىنغان ، كېچىلىك ‹‹بەختلىك كۈنلەر›› ناملىق ئۇسسۇل بىلەن باشلاندى .
كېچىلىكنى مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇرغان ، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى تەشۋىقات بۆلۈمى ، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى ، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان . بۇ كېچىلىك مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئالاقىدار قاناللىرى ، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇرچە ، خەنزۇچە ، قازاقچە قاناللىرىدا كۆرسىتىلىدۇ .