باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>لى كېچياڭ

لى كېچياڭ ئىسپانىيە باش ۋەزىرى راخوي بىلەن سۆھبەتلەشتى

2014.09.26 11:04         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ئىسپانىيە باش ۋەزىرى راخوي بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئىسپانىيە سىياسىي جەھەتتە بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەپ بىر-بىرىگە ئىشىنىدىغان، ئىقتىسادى جەھەتتە بىر-بىرىگە مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ غەلبە قىلىدىغان، ئادىمىيەت جەھەتتە كەڭ قۇرساقلىق بىلەن ئۆرنەك قىلىدىغان شېرىكلەر. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئىسپانىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىسپانىيە بىلەن يۇقىرى قاتلاملىقلار ئالاقىلىشىش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، داۋاملىق بىر-بىرىنى چۈشىنىپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە زور غەمخۇرلۇقىنى قوللاپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى، خەلقئارا رايون ئىشلىرىدا يېقىندىن ئالاقىلىشىش ۋە ماسلىشىشنى ساقلاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتىگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى مەزمۇنىنى بېيىتىشنى خالايدۇ.

  لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىككى دۆلەت سودا مەبلەغ سېلىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئىككى تەرەپلىك سودىنىڭ ساغلام تەڭشى ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇشى؛ ئېنېرگىيە، پۇل-مۇئامىلە، بىئولوگىيەلىك دورا، ئاۋىئاتسىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يېڭى يارقىن نۇقتا يارىتىشنى، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت مەركىزى ، سىرۋانتىس ئىنستىتوتى ۋە كۇڭزى ئىنستىتوتىنى ياخشى تەسس قىلىپ، قوش يۆنىلىشلىك تىل ئوقۇتۇشى ۋە ئۆز-ئارا ئوقۇغۇچى ئەۋەتىش كۆلىمىنى كېڭەيتىش كېرەك. لى كېچياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۆز دۆلىتىدىكى كارخانىلارنىڭ ئىسپانىيەگە بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشىگە مەدەت بېرىدۇ. ئىسپانىيەنىڭ جۇڭگونىڭ ئىسپانىيەدىكى كارخانىلىرى ۋە خادىملىرىنى تېخىمۇ كۆپ قانۇن سىياسىتى كاپالىتى ۋە ۋىزا قولايلىقى بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  راخوي مۇنداق دېدى: ئىسپانىيە جۇڭگو بىلەن بولغان دوستلۇق، ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كېڭەيتىشنى خالايدۇ. بۇ ئىسپانىيەنىڭ ئىقتىسادىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق. ئىسپانىيە تېخىمۇ كۆپ جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ ئىسپانىيەگە بېرىپ ساياھەت قىلىشىنى قارشى ئالىدۇ، 48 سائەتتە تېز ۋىزا بېجىرىپ بېرىش قولايلىقى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  سۆھبەتتىن ئىلگىرى لى كېچياڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقى دەرۋازىسى سىرتىدىكى مەيداندا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، راخوينىڭ شەرىپىگە قارشى ئېلىش مۇراسىمىي ئۆتكۈزدى. سۆھبەتتىن كېيىن ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى ئىككى تەرەپلىك ئىقتىساد سودا، مەدەنىيەت، پۇل-مۇئامىلە، تېلگراف، ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالاشقا شاھىت بولدى.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر