- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
جاڭ گاۋلى ب د ت كىلىمات باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان بىر قىسىم دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى
2014.09.26 11:01 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى، مۇئاۋىن زۇڭلى جاڭ گاۋلى 22-، 23-سىنتەبىر نيۇيوركتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاندى، بولىۋىيە زۇڭتۇڭى مورالىس، پېرۇ زۇڭتۇڭى ئۇمارا، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى بارروسو، گوللاندىيەنىڭ باش ۋەزىرى مارك رۇت قاتارلىق چەتئەل رەھبەرلىرى ۋە گوللاندىيە خانىشى ماكسىما بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى.
جاڭ گاۋلى بۇ دۆلەت رەھبەرلىرىگە رەئىس شى جىنپىڭ، زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ سەمىمىي سالىمىنى ئايرىم-ئايرىم يەتكۈزدى، ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى جاڭ گاۋلىغا جۇڭگو رەھبەرلىرىگە ياخشى تىلىكىنى يەتكۈزۈپ قويۇشىنى ھاۋالە قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر