باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىتتىپاق، مىللەتلەر بىرلىكتە ئىلگىرلەۋاتقان جۇڭگو

(جۇمھۇرىيەتنىڭ شانلىق 65 يىلى)

2014.09.30 01:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتكەن: «جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا چوقۇم جۇڭگونىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەشتۈرۈش كېرەك. جۇڭگودىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇشتىكى كۈچ ئەنە شۇ.» جۇڭگو ئارزۇسى تېگىدىن ئېيتقاندا 56 مىللەتنىڭ ئورتاق ئارزۇسى بولۇپ، 56 مىللەتنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلىشى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.

  يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، 56 مىللەت بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلدى، ئورتاق گۈللەپ راۋاجلاندى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ بىر يۈرۈش چوڭ قارار ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرى، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى ۋە ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسى ئۈچۈن بىر بەخت «يولى» ھازىرلاپ بەردى.

  سىياسەت قالتىس بولۇپ، تەرەققىيات تېزلەشتى

  بۇ يىل مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى، مىللىي تېرروتېرىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنىدىن ئىبارەت بۇ جۇڭگو پاراسىتىنى نامايان قىلىدىغان مىللىي سىياسەت باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ئۆز ئارا ياردەم بېرىش، ئىناق سوتسىيالىستىك مىللىي مۇناسىۋەتنى مۇستەھكەملەپلا قالماسىتىن بەلكى، يەنە ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە مىللىي رايونلار تەرەققىياتى ئۈچۈنمۇ ئۇلتاش سېلىپ بەردى.

  ئەگەر تەرەققىيات سۈرئىتى بىلەن جۇڭگو خەرىتىسىنى كۆرسىتىدىغان بولساق، ئۇنداقتا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەڭ روشەن كۆرۈنىدىغان جاي شۈبھىسىزكى، غەربىي قىسىم رايونلار ۋە مىللىي رايونلاردۇر.

  مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ـــ تەرەققىياتنىڭ ئاچقۇچى. مىللىي ئىشلار تەرەققىياتى تارىخىدا غەربىي قىسىمنى ئېچىۋېتىش ئىستىراتېگىيەسى ئالاھىدە مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ئەسىر ئاتلىغان پەيتتە چىقارغان بۇ چوڭ قارار كەڭ كەتكەن غەربىي قىسىمنى تەرەققىيات ئاۋات زېمىنىغا ئايلاندۇردى. مىللىي رايونلار شۇنىڭدىن باشلاپ ھالقىما تەرەققىيات يولىغا كىرىپ، تەرەققىيات سۈرئىتى شەرقىي قىسىمدىن ئېشىپ كەتتى، بۇ ئسلاھات ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيانقى تۇنجى ئەھۋال.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەركەز ئارقا-ئارقىدىن بىر يۈرۈش تېخىمۇ ئۈنۈم بېرىدىغان، تېخىمۇ كونكرېت يۆلەش سىياسەت-تەدبىرلىرىنى چىقاردى، ئۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ گەۋدىلىكى ئاز سانلق مىللەت ئىشلىرىنى يۆلەش، نوپۇسى نىسبەتەن ئاز مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتى، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتىگە يۆلەك بولۇش قاتارلىق ئۈچ مەخسۇس تۈر پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر