باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى تارقاتقان «ئۇقتۇرۇش»

پارتىيە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ داڭلىق مەنزىرە رايونلىرىغا بېرىپ يىغىن ئېچىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ

2014.09.30 01:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

   خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  بىرىنچى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ داڭلىق مەنزىرە رايونلىرىغا بېرىپ يىغىن ئېچىشىغا بولمايدۇ، يىغىن ئېچىش چەكلەنگەن رايون دائىرىسى داڭلىق مەنزىرە رايونى ئومۇمىي پىلانىدا بېكىتىلگەن مەركىزىي مەنزىرە رايون دائىرىسىنى ئاساس قىلىدۇ.

  ئىككىنچى، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ يىغىنلىرى بىرتۇتاش ئۆز مەمۇرىي رايونى ئىچىدە ئېچىلىدۇ، باشقا رايونلارغا بېرىپ ئېچىشقا بولمايدۇ؛ خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن ھەقىقەتەن مەمۇرىي رايوندىن ھالقىش زۆرۈرلۈك تۇغۇلسا، چوقۇم تەڭ دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقىنى ئېلىش كېرەك.

  ئۈچىنچى، پارتىيە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ساياھەت، دىن، ئورمانچىلىق، يەر تەۋرەش، ھاۋا رايى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراش، زېمىن بايلىقى ۋە مەنزىرە رايونلىرى پىلانى قاتارلىق خىزمەتلەرگە چېتىلىدىغان كەسپىي يىغىنلارنى تىزىملىكتىكى داڭلىق مەنزىرە رايونلىرىغا بېرىپ ئېچىشقا توغرا كەلسە، باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قاتتىق كونترول قىلىش ۋە قاتتىق تەكشۈرۈپ تەستىقلاش لازىم.

  تۆتىنچى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ يىغىن ئېچىش قاتارلىق ناملار بىلەن تەشكىللىگەن ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ساياھەت قىلىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ.

  بەشىنچى، مالىيە تارماقلىرى يىغىن خىراجىتىنى قەرەللىك ۋە قەرەلسىز نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش مالىيە تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، مۇپەتتىشلىك ئورگىنى يىغىن خىراجىتىگە دائىم مۇپەتتىشلىك قىلىش تۈزۈمىنى تۇرغۇزۇپ، تەپتىشلىك نەتىجىسىنىڭ ئاشكارلىنىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، زۆرۈر بولغاندا ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنى باشقۇرۇش تارماقلىرى، كۈتىۋېلىش مۇلازىمەت سورۇنلىرى، يىغىن، كۇرۇس ۋاسىتىچىلىكى قاتارلىق ئورۇنلارغا بولغان نازارەتچىلىك ۋە تەكشۈرۈش، مۇپەتتىشلىكىنى قانات يايدۇرۇپ، خىراجەتنى ئىتتىرىپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەمدە قائىدە-ئىنتىزامغا خىلاپ يىپ ئۇچىنى دەل ۋاقتىدا ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرىغا سۇنۇش لازىم.

  ئالتىنچى، بۇ ئۇقتۇرۇش ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ئورگانلىرى، خەلق قۇرۇلتىيى ئورگانلىرى، مەمۇرىي ئورگانلار، سىياسىي كېڭەش ئورگانلىرى، سوت ئورگانلىرى، تەپتىش ئورگانلىرى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە مەمۇرىي كادىرلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدىكى كەسپىي ئورۇنلارغا تەدبىقلىنىدۇ.

  يەتتىنچى، ئىلگىرىكى مۇناسىۋەتلىك ئۇقتۇرۇش بىلەن بۇ قېتىمقى ئۇقتۇرۇشتا ئوخشىماسلىق بولسا، مۇشۇ ئۇقتۇرۇش ئاساس قىلىنىدۇ.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر