باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

100گە يېقىن نازىر دەرىجىلىك كادىر كۆزەتكۈچى خادىملار ئامبىرىغا كىرگۈزۈلدى

2014.09.24 11:54         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ چېڭدۇ شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، چېڭدۇ كۆزەتكۈچى خادىملار ئامبىرى تەسىس قىلىپ، 100 گە يېقىن مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلارنى تىزىملىككە كىرگۈزگەن ھەم تۇنجى قەدەمدە كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى ئامبىرىنى قۇرۇپ، كۆزەتكۈچى ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنى قۇرۇش ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدەنگەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، چېڭدۇ شەھىرى بۇ يىل 4 – ئايدا ‹‹ئىككى كۆزىتىش›› خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشتىن بۇرۇن، شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە شەھەرلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى مەخسۇس كۆزەتكۈچى خادىملار ئامبىرى تەسىس قىلىپ، تاللاش ۋە تەكشۈرۈش ئارقىلىق چېڭدۇ شەھىرىدىكى 100 گە يېقىن مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلارنى كۆزەتكۈچى خادىملار ئامبىرىغا كىرگۈزگەن، ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ كۆزىتىش خىزمىتىدىكى ‹‹كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقىنى، كۆزىتىلىدىغان ئورۇننى، كۆزىتىش گۇرۇپپىسى بىلەن كۆزىتىش ئوبيېكتلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى مۇقىم قىلىۋالماسلىق›› پىرىنسىپىنى ئۆرنەك قىلىپ، ‹‹بىر قېتىمدا بىر گۇرۇپپا تەشكىللەش››، ‹‹بىر قېتىمدا بىر قېتىم ھوقۇق بېرىش›› ئۇسۇلى بويىچە كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ خادىملىرىنى تاللىغان ۋە كۆزىتىش قوشۇنى قۇرغان.

  ئىگىلىنىشىچە، چېڭدۇ شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ھازىر تۇنجى قەدەمدە مالىيە، ئىقتىسادىي تەپتىش، ئەدلىيە، تۈر قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش قاتارلىق كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلار ئامبىرىنى قۇرغان، كېيىنكى قەدەمدە كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنى تەشكىللەپ، كۆزىتىش خىزمىتىدىكى ئالاقىدار مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ۋاقتىنچە قاتناشتۇرۇپ، مەسىلە تېپىپ چىقىشنىڭ يولى ۋە ئۇسۇلىنى يەنىمۇ بېيىتىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر