باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگوچە داۋالاش ئىسلاھاتىدا نېمە ئىسلاھ قىلىندى

2014.06.23 20:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىر نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئەمەلىيەت يېڭى داۋالاش ئىسلاھاتىنىڭ چوڭ يۆنىلىشىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىدى

  بۇرۇنقى داۋالاش-سەھىيە تۈزۈلمىسى يېڭى دەۋردىكى تەرەققىياتنىڭ ئېھتىياجىغا ئېغىر دەرىجىدە ماسلىشالمىغاچقا، 2009-يىلى جۇڭگو يېڭى داۋالاش ئىسلاھاتىنى باشلىدى، بۇنىڭدا ئۈچ تۈزۈلمە نۇقسانى ئالاھىدە كۆرۈنەرلىك بولدى:

  سوزۇلما كېسەل بارا-بارا كېسەللىكلەر ئارىسىدىكى ئاساسلىق خېيىم-خەتەرگە ئايلاندى، لېكىن بۇرۇنقى تۈزۈلمىدە خېيىم-خەتەرنى ئۈنۈملۈك ئۈستىگە ئالىدىغان تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرمىسى كەمچىل بولغاچقا، شەخس ۋە ئائىلە زىيادە كۆپ ئىقتىسادىي يۈكنى ئۈستىگە ئېلىشقا توغرا كەلدى، يەنى «كېسەل كۆرسىتىش قىممەت بولۇش» مەسىلىسى كېلىپ چىقتى؛ مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش يۇقىرىدىن تۆۋەنگە يۆنەلگەن مەمۇرىي دەرىجە ئايرىمىسى ۋە بايلىق ئورۇنلاشتۇرمىسى تەرىپىدىن چەكلىنىپ قالغاچقا، «3-دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارغا ئادەم پېتىشمايدىغان، ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرى توپا بېسىپ بىكار ياتىدىغان» «كېسەل كۆرسىتىش قىيىن بولۇش» مەسىلىسى كېلىپ چىقتى؛ تېببىي خادىملار ئۇزاق مۇددەت ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ كەسپىي ئىشتاتلىق خادىمى بولۇپ تۇرغاچقا، مەمۇرىي باشقۇرۇش ۋە بازار تۈزۈلمىسىنىڭ ئىچكى توقۇنۇشى سەۋەبىدىن «دورىنى كۆپ بېرىش»، «شېرىنكانە ۋە ئۈلۈش ئايرىش» ھادىسىلىرىنىڭ مەنبەسى بولۇپ قالدى.

  بۇ تۈزۈم مەسىلىلىرىگە قارىتا، جۇڭگوچە داۋالاش ئىسلاھاتى نېمىلىلەرنى قىلالىدى؟ ئاممىغا قانداق نەپ تەگدى؟ ئامما يەنە قايسى مەسىلىلەردىن نارازى؟ بۇ دۆلەت داۋالاش ئىسلاھاتىنى ئوبيېكتىپ، ئەقلىي تونۇش ۋە تەنقىد قىلىشنىڭ ئاساسىدۇر. يىغىپ ئېيتقاندا، جۇڭگوچە داۋالاش ئىسلاھاتىنىڭ ئىككى ھالقىلىق نۇقتىسى بار:

  بىرىنچى، ئومۇمخەلق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئورنىتىلىپ، ھۆكۈمەت سېلىنمىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە كارخانا، ئائىلە ئورتاق قاتنىشىدىغان كۆپ مەنبەلىك مەبلەغ جۇغلاش مېخانىزمى شەكىللەندۈرۈلدى. ئۈنۈمى قانداق بولدى؟ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ قاپلاش نىسبىتىدىن قارىغاندا، 2009-يىلى داۋالاش ئىسلاھاتى لايىھەسى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، مەملىكىتىمىزدە سۇغۇرتىغا قاتنىشىش نىسبىتى %95كە يەتتى.

  گوۋۇيۈەن شەھەر-بازار ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئائىلىلەرگىچە ئىزلاپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مالۇم بولۇشىچە، سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار تېخىمۇ كۆپ داۋالاش مۇلازىمىتىگە ئېرىشىپلا قالماي، ئۆزى ئۈستىگە ئالىدىغان يۈك كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن. ئومۇمخەلق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىدە جامائەت مالىيەسى ئېھتىياجلىق تەرەپنى قامداش، سۇغۇرتىلانغۇچىغا تېخىمۇ كۆپ نەپ يەتكۈزۈش ئاساسىي مەقسەت قىلىندى. ئەمەلىي سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، داۋالاش ئىسلاھاتىدا بۇ نىشان قەدەممۇقەدەم ئىشقا ئاشماقتا.

  ئىككىنچى، داۋالاش مۇلازىمىتى سىستېمىسى ئىسلاھاتى ئىلگىرى سۈرۈلدى، بۇنىڭدا داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى ۋە ئۇنىڭ ئۈنۈمى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، داۋالاش مۇلازىمىتى ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش مەقسەت قىلىنغان.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر