باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگودىكى تۇنجى چوڭقۇر سۇدا ئېلېكتىر ئارقىلىق سۇ باشلاش تۇنىلى تۇتاشتۇرۇلدى

2013.12.10 08:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىگىزلىكى 12 مېتىر، ئېغىرلىقى 17 توننا كېلىدىغان پولات سۇ ئېلىش تۇربىسىنى 22 مېتىر چوڭقۇرلۇقىدىكى چاڭجياڭ دەرياسى ئاستىدا كەپشەرلەش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، ئېلىمىزنىڭ تۇنجى چوڭقۇر سۇدا ئېلېكتىر ئارقىلىق سۇ باشلاش تۈرى بولغان چاڭشۇ ئېلېكتىر زاۋۇتىغا سۇ باشلاش تۇنىلى 8- دېكابىر رەسمىي تۇتاشتۇرۇلدى. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىچكى دىيامېتىرى 4.2 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 1900 مېتىر كېلىدىغان قالقانلىق ئىككى سۇ باشلاش تۇنىلىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يېرى چاڭجياڭ دەرياسى سۇ يۈزىدىن 26 مېتىر چوڭقۇرلۇقتا. سۇ باشلاش تۇنىلى قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلانغاندىن كېيىن، ئېلېكتىر زاۋۇتىدىكى 1 مىليون كىلوۋاتلىق ئىككى گېنىراتورنىڭ ئۆز مۈددىتىدە توك تارقىتىشىنى پايدىلىق شارائىت بىلەن تەمىنلەيدۇ، كېلەر يىلى 1-ئاينىڭ ئاخىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن جياڭسۇ ئېلېكتىر تورىنىڭ توك بىلەن تەمنلەش جىددىي ئەھۋالىنى زور دەرىجىدە ھەل قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر