باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش ئوتتۇرا لىنىيەسىنىڭ خېبېي بۆلىكى ئاساسىي قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك تۇتاشتۇرۇلدى

2013.12.11 13:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش قۇرۇلۇشى كومىتېتى ئىشخانىسى تۈنۈگۈن مۇنۇلارنى جاكارلىدى: جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش ئوتتۇرا لىنىيەسىنىڭ خېبېي بۆلىكى ئاساسىي قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك تۇتاشتۇرۇلدى. جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش قۇرۇلۇشىنىڭ دەنجياڭكوۋ سۇ ئامبىرىدىن سۇ باشلىنىپ بېيجىڭ، تيەنجىنگە يەتكۈزۈلىدۇ. ئوتتۇرا لىنىيەنىڭ 1-باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشىدا كۆپ يىل ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يىلىغا 9 مىليارد 500 مىليون كۇپ مېتىر سۇ باشلىنىپ، شىمالىي جۇڭگو تۈزلەڭلىكى جۈملىدىن بېيجىڭ، تيەنجىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان 19 چوڭ ئوتتۇرا شەھەر ھەمدە يۈزدىن ئارتۇق ناھىيە شەھەرنى تۇرمۇش، سانائەتكە كېرەكلىك سۇ ۋە يېزا ئىگىلىكىگە كېرەكلىك سۇ بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ. ئوتتۇرا لىنىيەنىڭ 1-باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشىدا بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا ئاساسىي قۇرۇلۇش پۈتىدۇ، كېلەر يىلى كەلكۈن مەزگىلى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن سۇ يەتكۈزۈش باشلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر