خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ ۋاقتى 8- سېنتەبىر تاڭ سەھەردە، ئالما شىركىتى ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن كۈز پەسىللىك يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، يېڭى تىپتىكى iPhoneنى ئېلان قىلدى، بۇ، iPhone7 بىلەن iPhone7 Plusنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جۇڭگو تۇنجى بولۇپ ئېلان قىلىش تىزىملىكىدە بار بولۇپ، iPhone7نىڭ دەسلەپكى سېتىلىش باھاسى 5388 يۈەنگە ۋە iPhone7 Plusنىڭ دەسلەپكى سېتىلىش باھاسى 6388 يۈەنگە بېكىتىلىپ، 9- سېنتەبىردىن باشلاپ زاكاز قوبۇل قىلىنىدىكەن، 16- سېنتەبىر سېتىلىشقا باشلايدىكەن.
ئالما شىركىتى يەنە پۈتۈنلەي يېڭى سىمسىز تىڭشىغۇچلۇق AirPodsنى ئېلان قىلدى، سېتىلىش باھاسى 159 ئامېرىكا دوللىرىغا ۋە جۇڭگو رايونىدىكى سېتىلىش باھاسى 1288 يۈەنگە بېكىتىلگەن بولۇپ، 10- ئاينىڭ كېيىنكى ئون كۈنىدە بازارغا سېلىنىدىكەن. يەنە يېڭى تىپتىكى Apple Watch (ئالما ماركىلىق قول سائىتى) ئېلان قىلىندى، بۇ Apple Watch Series 2 دەپ ئاتىلىدىكەن، جۇڭگو رايونىدا دەسلەپكى سېتىلىش باھاسى 2188 يۈەنگە بېكىتىلگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى