خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نۆۋەتتە، تۆت يىللىق قۇرۇلۇشتىن كېيىن، بېيجىڭ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ شىنجاڭ قۇمۇل بۆلىكىدە پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاراماي ياتقۇزۇلۇپ، بېيجىڭ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ئوڭۇشلۇق ھالدا شىنجاڭغا تۇتاشتۇرۇلدى.
بېيجىڭ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى دۆلەتنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تورىدىكى مۇھىم غول لىنىيەسىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ، شۇنداقلا يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يەنە بىر قاتناش تومۇرى، شەرقتە بېيجىڭدىن باشلىنىپ، غەربتە شىنجاڭنىڭ ئۈرۈمچىگىچە بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 2540 كىلومېتىر كېلىدۇ، 2012- يىلى قۇرۇلۇش باشلانغان بولۇپ، 2017- يىلى قۇرۇلۇش پۈتۈپ قاتناش باشلىنىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى