خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 23-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ . تەڭرىتاغ دۇنيا تەبىئىي مىراسلىرى ساياھەت بايرىمى ۋە 2016 - يىللىق بايىنبۇلاق تۇنجى نۆۋەتلىك ئاق قۇ كۆلى تاشيولىنى ۋېلىسىپتلىق ئايلىنىش مۇسابىقىسى خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ شەرقىدىكى ئېكولوگىيە باغچىسىدا رەسمىي باشلاندى.
بۇ قېتىمقى ئاق قۇ كۆلى تاشيولىنى ۋېلىسىپتلىق ئايلىنىش مۇسابىقىسىنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 273 كىلومېتىر بولۇپ، ئۈچ مۇسابىقە بۆلىكىگە بۆلۈپ ئېلىپ بېرىلىدىكەن: بىرىنچى مۇسابىقە بۆلىكىنىڭ مۇساپە لىنىيەسى خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ شەرقىدىكى ئېكولوگىيە باغچىسدىن شىمالىي تاغ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ئۇنىۋېرسال تەجرىبە رايونىنى ئايلىنىدىغان بولۇپ، مۇساپىسى 108 كىلومېتىر؛ ئىككىنچى مۇسابىقە بۆلىكىنىڭ مۇساپە لىنىيەسى بايىنبۇلاق ساياھەت مۇلازىمەت مەركىزىدىن باشلىنىپ كۈزىتىش سۇپىسىغىچە، مۇساپىسى 45 كىلومېتىر؛ ئۈچىنچى مۇسابىقە بۆلىكىنىڭ مۇساپە لىنىيەسى خارسالا كەنتىدىن بايىنبۇلاق ساياھەت مۇلازىمەت مەركىزىگىچە بولۇپ، مۇساپىسى 120 كىلومېتىر. بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە شىنجاڭنىڭ ئىچى - سىرتىدىن كەلگەن 15 كوماندىدىن 110 ماھىر قاتناشقان بولۇپ، ماھىرلارنىڭ ئەڭ چوڭى 45 ياش، كىچىكى 18 ياش ئىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى