خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 23-ماي، سۈرىيەنىڭ دېڭىز بويىدىكى شەھەر خېبلېدا بىر ئوغۇل بالا بۇزۇلغان ماشىنا قالدۇقلىرىنىڭ ئالدىدا تۇرماقتا. شۇ كۈنى، سۈرىيە دېڭىز بويى رايونلىرى ئارقا - ئارقىدىن پارتلىتىش ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئاز دېگەندىمۇ 150 ئادەم قازا قىلغان. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 2011 - يىلى سۈرىيە كىرىزىسى پارتلىغاندىن بۇيان، 11 مىڭدىن ئارتۇق بالا قازا قىلغان، 4 مىليون بالا سەرسان بولغان، 1 مىليوندىن ئارتۇق بالا نائىلاج بۇ دۆلەتتىن ئايرىلغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى