خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇل بېيجڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئىيۇل، مەملىكەتلىك تۇنجى ئۇچۇر ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇش مەركىزى شېنياڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىدە ۋېۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلدى. ئىگىلىنىشىچە، شېنياڭ شەھەرلىك ئۇچۇر ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇش مەركىزى جامائەت خەۋپسىزلىكى، تەشۋىقات، پۇل ـ مۇئامىلە، ئېلېكتىر ـ ئۇچۇر قاتارلىق تۈرلۈك ئىجتىمائىي بايلىقلارغا ئومۇميۈزلۈك رازۋېدكا قىلىش بىر گەۋدىلەشكەن ئۇچۇر ئالدامچىلىق جىنايىتىگە قارشى تۇرۇش ئاپپاراتى. بۇ مەركەز ئالدىنى ئېلىش ئۇچۇر ئالدامچىلىقى تەشۋىقات تۈرىدىكى پائالىيەتلەرگە قارشى تۇرۇش پائالىيىتىنى قوزغىتىپ، كەڭ ئاممىنىڭ ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش ئېڭى ۋە قابىليىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئاممىغا مەسلىھەت بېرىش، نەسىھەت قىلىش، جىددىي زىياننى توختىتىپ بىر تەرەپ قىلىش مۇلازىمىتى، ئالاقىدار بۆلۈملەر بىلەن ھەمكارلىشىپ پۇل ـ پۈچەك ئالدامچلىقىنى جىددىي توختىتىش، ئالدامچىلىق ئىلىپ بارىدىغان تېلېفون نومۇرلىرىنىڭ تاقاش ۋە ئۇلىنىشنى چەكلەش، ئۇچۇر ئالدامچىلىق جىنايىتى يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلىدۇ.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى