خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ7 -ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئىيۇل، مەركىزىي تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ يېڭىدىن يولغا قويغان پروگراممىسى_ « مۇمكىن بولماسلىققا جەڭ ئېلان قىلىش»نىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى بېيجىڭ باغ- ئورمان كۆرگەزمە باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئاخبارات ئېلان قىلىش كۈنى، « مۇمكىن بولماسلىققا جەڭ ئېلان قىلىش» پروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى سا بېينىڭ ۋە پروگراممىنىڭ باھالىغۇچىلىرىدىن دوڭ چىڭ، لى چاڭيۈ، جۇ خۇاجيەن يىغىنغا قاتناشتى.ئۇزاقتىن بۇيان كەم دىدار بولغان دوڭ چىڭ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن باھالىغۇچى بولدى.(مەلىكەم)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى