باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى لى جى قانۇن-ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلدى

2015.07.07 13:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقى بىلەن، ج ك پ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى لى جىنىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىگە قارىتا دىلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگەن ئىدى.

  تەكشۈرۈشتە بايقىلىشىچە، لى جى ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، ئارخىپنى يالغان ياساپ، تەشكىلدىن ئۆزىنىڭ ھەقىقىي يېشىنى يوشۇرغان؛ پاك-ئىنتىزامچان بولۇش بەلگىلىمىسىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، سوۋغات قۇبۇل قىلغان؛ ۋەزىپە قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، كادىر تاللاپ ئىشلىتىش، كارخانا تىجارىتى قاتارلىق جەھەتلەردە باشقىلارغا نەپ بېرىپ، زور تۈركۈمدە پارا تەلەپ قىلغان ھەم قۇبۇل قىلغان؛ سوتسىيالىستىك ئەخلاققا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، باشقىلار بىلەن ئاشنىدارچىلىق قىلغان؛ تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىپ، زاڭ مال ۋە پۇللارنى يۆتكىگەن ھەم يوشۇرغان. بۇنىڭ ئىچىدە پارا ئېلىش مەسىلىسى جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە چېتىلىدۇ.

  لى جى پارتىيەنىڭ ئالىي دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرى بولۇپ تۇرۇغلۇق، پارتىيەنىڭ سىياسىي قائىدىسى ۋە تەشكىلىي ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان، قانۇن-ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان، ھەمدە پارتىيەنىڭ 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىنمۇ يەنىلا ئۆزىنى تارتمىغان، خارەكتېرى يامان، ئەھۋالى ئېغىر. «ج ك پ ئىنتىزام جازا نىزامى» قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، لى جىغا پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش جازاسى بېرىلدى؛ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ ئېرىشكەن پۇل-ماللىرى مۇسادىرە قىلىندى؛ ئۇنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش مەسىلىسى، يىپ ئۇچى ۋە چېتىلىدىغان پۇل-ماللار ئەدىلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر