باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت ئىستاستېستىكا ئىدارىسى: ئىقتىسادتا ئەسلىگە كېلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلدى

2015.07.07 17:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئىستاستېستىكا ئىدارىسى تور پونكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىنقى بىر قانچە ئايدا ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەرنىڭ يۈزلىنىشىدىن مەلۇم بولىشىچە، ئىلگىرى چىقىرىلغان ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇشقا ئائىت تۈرلۈك سىياسەتلەر بىلەن ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئۈنۈمى كۆرىلىشكە باشلىغان، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىدا بىر قانچە ئاكتىپ ئۆزگىرىش پەيدا بولغان.

  دۆلەت ئىستاستېستىكا ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شېڭ لەييۈن مۇنداق دېدى: ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مال باھاسى، خەلقئارا كىرىم-چىقىم قاتارلىق جامائەت ئېتىراپ قىلغان ماكرو ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالىنى ئۆلچەشتىكى كۆرسەتكۈچلەردىن قارىغاندا، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇۋاپىق دائىرىدە تۇرىۋاتىدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ بۇلتۇرنىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدىن بۇيان قوللانغان بىر ماكرو تەڭشەش سىياسىتى بىلەن زور ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلۈشكە باشلىدى، ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلىرىدە ئەسلىگە كېلىش ئالامەتلىرىنىڭ پەيدا بولىشى، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنىڭ داۋاملىق سەرخىللىشىشى، تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ ئۈنۈمىنىڭ كۆرۈلىشى شۇنىڭدەك يېڭى ھالەت، يېڭى مەھسۇلاتلارنىڭ يېتەكلەش رولىنىڭ كۆرىنەرلىك بولىشى قاتارلىق جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر