خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋرى، فوتوسى: ھەر يىلى 5-ئاينىڭ 2-ھەپتىسىنىڭ يەكشەنبە كۈنى ئانىلار بايرىمى. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن 8-ماي كۈنى، كورلا شەھىرى يېڭشەر يېزا مەركىزى مەكتەپ «ئاتا-ئانىلارنى تەربىيەلەش» ۋە «ئانىلار بايرىمى تەبرىكلەش» مىننەتدارلىق تەربىيەسى پائالىيىتى ئېلىپ باردى. پائالىيەتتە ئالدى بىلەن دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك پىسخىك مەسلىھەتچى، كورلا شەھەر يېڭشەھەر يېزا مەركىزى مەكتەپنىڭ پىسخىك تەربىيە ئوقۇتقۇچىسى رىزۋانگۈل غېنى مۇئەللىم مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇغۇچى، ۋە ئۇلارنىڭ ئانىلىرىنى بىر جايغا جەم قىلىپ، ئۇلارنىڭ بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. ئوقۇغۇچىلار ئارقا-ئارقىدىن جاپاكەش ئانىلىرىغا يېزىپ چىققان، تەسىرلىك ھېكايە، نەسىرلىرىنى ئوقۇپ، ئۇلارغا بولغان چەكسىز مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى. ھەمدە تىرىشىپ ئوقۇپ، ئۇلارنىڭ ئۈمۈدىنى ھەرگىز يەردە قويمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى ۋەدىلىرىنى بىلدۈرۈشتى. ئارقىدىن يېڭشەھەر يېزا ئاتا-ئانىلار كوممىتېتىنىڭ «ئاتا-ئانىلارنى تەربىيەلەش» مەكتىپىنىڭ ۋەكىلى ئانارگۈل ياسىن «ئاتا-ئانا ۋە بالىلارنىڭ تۇرمۇش ماھارىتىنى قانداق قىلغاندا يۇقۇرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ؟» دىگەن تېمىدا لىكسىيە سۆزلىدى. ئاخىرىدا، مەكتەپ مەسئۇللىرى ئانىلار ئۈچۈن مەخسۇس قىزىقارلىق تەنتەربىيە پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى شاد-خوراملىققا چۆمدۈردى
سۈرەتتە: پائالىيەتتىن كۆرۈنۈشلەر
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى