خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزاسى شەۋكەت ئىمىن (سولدىن بىرىنچى) كۆرۈشمەكتە.
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 3-يىغىنىغا قاتناشقان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭلىق ئەزالىرى يىغىننىڭ تۈرلۈك قارالمىلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، 14-مارت، ئۈرۈمچىگە قايتتى.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 3-يىغىنى مەزگىلىدە، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭلىق ئەزالىرى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشى، مۇھىت ئاسراش، مەدەنىيەت ـ مائارىپ تەرەققىياتى قاتارلىقلارغا دائىر 157 پارچە تەكلىپ بەرگەن.