«كۈل قىز» ھەممەيلەنگە بەكمۇ تونۇشلۇق بالىلار چۆچىكى، بۇ چۆچەك نەچچە قېتىم كىنو فىلىمى قىلىپ ئىشلەنگەن. چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا دىسنىي كىنو شىركىتى بۇ قېتىم كۆپ مەبلەغ ئاجرىتىپ بۇ كىنونى يەنە بىر قېتىم ئىكرانغا ئېلىپ چىققان . ئىگىلىنىشىچە ، ھوللېۋۇدنىڭ داڭدار كىنو چولپانلىرى قاتناشقان بۇ «كۈل قىز» فىلىمى كېلەر يىلى 13-مارت شىمالىي ئامېرىكىدا قويۇلىدىكەن .
يېقىندا يېڭى «كۈل قىز» فىلىمىنىڭ بىر يۈرۈش تەشۋىقات سۈرەتلىرى ئاشكارلانغان بولۇپ، بۇ سۈرەتلەر كىشىلەرنىڭ بۇ كىنوغا بولغان قىزىقىشىنى تېخىمۇ ئاشۇرىۋەتكەن.