خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-دېكابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:9-دېكابىر، بىر يۈرۈش لياۋ دەۋردىكى خرۇستال كاھىش رومكىلار شىئەن شەھىرى يۈەنخاۋخۇا مۇزېيدا كۆرگەزمە قىلىندى. 8 –دېكابىر، «نازۇنېمەت_ قەدىمكى دەۋردىكى يېمەك-ئىچمەك سەرەمجانلىرى كۆرگەزمىسى» شىئەن شەھىرى يۈەنخاۋخۇا مۇزېيدا ئېچىلدى. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە «يېمەك-ئىچمەك مەنبەسى»« مەي بىلەن دەملەنگەن چاي » «ئېغىزدا خۇش پۇراق قالدۇرۇش» دىن ئىبارەت ئۈچ بۆلەككە بۆلۈنگەن بولۇپ، يېڭى تاش قورال دەۋرىدىن مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىگىچە بولغان ھەر خىل قاچا-قۇچا، قازان-قومۇچ، رومكا، چىنە-چەينەك قاتارلىق 200نەچچە مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى كۆرگەزمىگە قويدى. ئىگىلىنىشىچە،بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە 2015-يىلى2-ئايغىچە داۋاملىشىدىكەن .
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ خەيتاۋ فوتوسى
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى