خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 18-ئىيۇن، جۇڭگو گوۋۇيۈەن زوڭلىسى لى كېچياڭ لوندون پۇل مۇئامىلە شەھەرچىسىدىكى شەھەر باشلىقى سارىيىدا ئەنگىلىيە خانلىق خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقات ئورنى ۋە خەلقئارا ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئورنى قاتارلىق ئىككى چوڭ ئەقىل ئامبىرىدىكىلەرگە «بىرلىكتە ئۆز ئارا سىغدۇرۇپ تەرەققىي قىلىدىغان گۈزەل دۇنيا بەرپا قىلايلى» تېمىسىدا نۇتۇق سۆزلىدى. لى كېچياڭ يەنە يىغىن ئەھلىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى. ئەنگىلىيە خانلىق خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقات ئورنى ۋە خەلقئارا ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئورنى دۇنياغا داڭلىق ئەقىل ئامبىرى بولۇپ، بۇ ئىككى چوڭ ئورگان تۇنجى قېتىم بىرلىكتە نوتۇق سۆزلەش يىغىنى ئۆتكۈزدى، 300 دىن ئارتۇق مۇتەخەسسىس ۋە تەتقىقاتچى پائالىيەتكە قاتناشتى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى