خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 21-ماي، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ خانىمى پېڭ لىيۈەن ئاسىيا ئۆز ئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى يىغىنى 4-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان قىسمەن دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ خانىملىرىنى جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسىنى ۋە ئەدەبىيات سەنئەت ئويۇنلىرىنى بىرلىكتە كۆرۈشكە تەكلىپ قىلدى. چۈشتىن بۇرۇن كامبودژا باش ۋەزىرىنىڭ خانىمى ۋېنلانى، قىرغىزىستان زوڭتوڭىنىڭ خانىمى ئاتانبايېۋا، ئەزەربەيجان زوڭتوڭىنىڭ قىزى ئالىيېۋا، قازاقىستان زوڭتوڭىنىڭ خانىمى نەزەربايېۋا قاتارلىقلار يۈيۈەن باغچىسىغا يېتىپ كېلىپ، پېڭ لىيۈەننىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى