3-ئاينىڭ 23-كۈنى، جۇڭگو ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ئىككى ئايروپىلانى ئاۋىسترالىيە پېرىس رايونىنىڭ شىمالىدىكى پىرىس ھاۋا ئارمىىيە بازىسىنىڭ شىمالىدا بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرماقتا. جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئالدىنقى سەپ قۇماندانلىق گورۇپپىسى 23-چىسلا، ئاۋىسترالىيە تەرەپنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، جۇڭگو ھاۋا ئارمىيسىنىڭ پېرىس رايونىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئىزدەش 24-چېسلاغا تەڭشەلدى، جەنۇبىي ھىندى ئوكياندىكى گومانلىق لەيلىمە بويۇم بايقالغان دېڭىز رايونىنى ئاساسلىق قىلىپ ئىزدەيدۇ دېدى. جۇڭگو ھاۋا ئارمىيسى ئالدىنقى سەپ قۇماندانلىق گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ليۇ ديەنجۈن، 24-چىسلا سەھەر سائەت ئۈچتە، جۇڭگونىڭ ئىككى ئىل-76 تىپلىق ترانسىپورت ئايروپىلانى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئاۋىسترالىيە پىرىس ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىن پېرىس خەلقئارا ئايروپورتىغا يۆتكىلىپ، ماي قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن، جەنۇبىي ھىندى ئوكياندىكى جۇڭگو ۋە ئاۋىسترالىيە سۈنئىي ھەمراھلىرى گومانلىق لەيلىمە بويۇمنى بايقىغان دېڭىز رايونىنى ئىزدەشكە باشلايدۇ ۋە جۇڭگونىڭ ئىزدەش پاراخۇتلىرىنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەيدۇ دېدى.
مەنبە: خەلق تورى