باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ ئېنېرگىيە تېجەپ بۇلغۇما ئازايتىش خىزمىتى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

2014.03.24 09:30   مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

لى كېچياڭ ئېنېرگىيە تېجەپ بۇلغۇما ئازايتىش خىزمىتى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

  جۇڭگو ھۆكۈمەت تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باش مىنىستىرى لى كېچياڭ يېقىندا ئېنېرگىيە تېجەپ بۇلغۇما ئازايتىش ۋە كېلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: ئېنېرگيە تېجەپ بۇلغۇما ئازايتىش ۋە تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگيەلىك مۇھىتقا تۈرتكە بولۇپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئاشۇرۇش كېرەك. لى كېچياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ ئېنېرگىيە تېجەپ، بۇلغۇما ئازايتىش ۋەزىپىسىنى تاماملاش كېرەك. بۇ يىل دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئاشكارە تەكشۈرۈش، يوشۇرۇن زىيارەت قىلىشقا تەشكىللەپ، بايقالغان مەسىلىلەرنى ئاخىرىغىچە تەكشۈرىدۇ، ھەرگىزمۇ بوش قويۇۋەتمەيدۇ.

  21-مارت جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باش مىنىستىرى لى كېچياڭ ئېنېرگيە تېجەپ بۇلغۇما ئازايتىش شۇنداقلا كېلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى يىغىننى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئېنېرگىيە تېجەپ بولغۇما ئازايتىش ۋە تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇنۇپ، كېلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشقا ئالاقىدار خىزمەتلەر تەتقىق قىلىندى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى جاڭ گاۋلى يىغىندا قاتناشتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: گەرچە ئىقتىساددا ئارقىغا چېكىنىش بېسىمى بولۇپ، مۇقىم ئاشۇرۇش خىرىسقا يولۇقۇۋاتقان بولسىمۇ ئەمما بىز يەنىلا ئېنېرگىيە تېجەپ بۇلغۇما ئازايتىشنى قەتئىي بوشاشماي ئىلگىرى سۈرىشىمىز، ئېنېرگىيە سەرپىياتى ئازايتىلغان، ئىقتىسادىي تەرەققىيات تېزلىتىلگەن يېڭىچە يولدا مېڭىپ، خەلق ئاممىسى ۋە ئەۋلادلارغا تولۇق مەسئۇل بولىشىمىز كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتا بۇ يىللىق ئېنېرگىيە تېجەپ بۇلغۇما ئازايتىش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئۇ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ ئېنېرگىيە تېجەپ بۇلغۇما ئازايتىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش كېرەك، قانۇنسىز، ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ بۇلغۇما قويۇپ بېرىش، نازارەتتىن قېچىش قاتارلىق قىلمىشلار ۋە نازارەت باشقۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالمىغانلارغا قاتتىق زەربە بېرىش، ئالاقىدار كارخانا، ئورۇن ۋە مەسئۇل كىشىلەرگە قاتتىق جازا بېرىش كېرەك، بۇ يىل گوۋۇيۈەن ئاشكارە تەكشۈرۈش، يوشۇرۇن زىيارەت قىلىشقا تەشكىللەپ، بايقالغان مەسىلىلەرنى ئاخىرىغىچە تەكشۈرىدۇ، ھەرگىزمۇ بوش قويۇۋەتمەيدۇ.

  يىغىندا« 2014-يىلدىن 2015-يىلىغىچە بولغان ئېنېرگىيە تېجەپ بۇلغۇما ئازايتىش تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات ھەرىكەت لايىھەسى» پىرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللاندى ھەمدە ئېلىمىزنىڭ كېلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ھەرىكەت لايىھەسى تەتقىق قىلىپ مۇزاكىرە قىلىندى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·زەھەرلىنىش، دورا ئىچكۈزۈش، تەن جازاسى بېرىش 
      ·مال ـ دۇنياسىنى كۆز ـ كۆز قىلىش ئۈچۈن ئالتۇن چىش قاپلىتىدۇ(1)
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى: نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەر نامرات رايونلاردىكى يېزىلىق ئوقۇغۇچىلارنى ئاشۇرۇپ قو…
      ·6-تۈركۈمدىكى ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ئىچكىرىگە بېر…
      ·كۇچا ناھىيەسى مائارىپ سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلىدى
      ·ئەنگىلىيە مۇئاۋىن مائارىپ مىنىستىرى شاڭخەيدە ماتېماتىكا ئوقۇتۇش تەجرىبىلىرىنى ئۆگەندى(1)
      ·ئىككى تېرلىيون 200 مىليارد يۈەن مائارىپ خىراجىتىنىڭ قانداق ئىشلىتىلگەنلىكى چۈشەندۈرۈلدى
      ·كورلا شەھىردىكى مەكتەپلەردە «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» داغدۇغىلىق تەبرىكلىدى(1)
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىستاتىستىكىسىدا شەھەر-يېزىلاردىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىش…
      ·ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھان نەتىجىسى بۈگۈن سائەت 18:00دە ئېلان قىلىنىدۇ