باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

كەلگۈسىدىكى «ئالدىراش ئىمتىھان»غا يۈزلىنىش (1)

2014.03.24 16:29   مەنبە: خەلق تورى

كەلگۈسىدىكى «ئالدىراش ئىمتىھان»غا يۈزلىنىش (1)

  65يىل بۇرۇنقى بۈگۈن-1949-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى، شىبەيپو ئۈچۈن بىر ئالاھىدە تارىخىي تۈگۈن بولدى

  كېسەك ئۆينىڭ ئالدىدا، قېرى تۇخۇمەك دەرىخىنىڭ ئاستىدا، يۇرتداشلاردىن ئايرىلغۇسى كەلمەي بىر-بىرلەپ قول سىقىشىپ خوشلاشقاندىن كېيىن، ماۋزېدۇڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېت ئورگانلىرىنى باشلاپ بېيجىڭغا ماڭغان ئىدى.

  باھار شامىلىدا، قۇياش نۇرى ئاستىدا، ماۋزىدۇڭ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ، قوللىرىنى پولاڭلىتىپ، «بېيجىڭغا بېرىپ ئالدىراش ئىمتىھانغا قاتنىشىمىز» دېگەن ئىدى.

  2013-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى، يەنىلا شىبەيپو، يەنە بىر ئالاھىدە تارىخىي تۈگۈن.

  ئاۋغۇست يىغىنى كونا جايى، شى جىنپىڭ سۈرلۈك ھالدا تۇرۇپ، تارىخنى كۆز ئالدىدىن ئۆتكۈزدى. بۇ ۋاقىتتىكى جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشتىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى ھالقىلىق مەزگىلدە تۇراتتى.تارىخ ۋە كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن شى جۇشى يەنە بىر قېتىم "ئالدىراش ئىمتىھان"نى تىلغا ئېلىپ، "خەلقنىڭ پارتىيىمىزدىن ئالىدىغان «ئىمتىھانى» ۋە پارتىيىمىز ھازىر دۇچ كىلىۋاتقان ۋە كەلگۈسىدە دۇچ كىلىدىغان «ئىمتىھان»لارنى ياخشى بىرىپ، ئەلا جاۋاب بېرىشكە تىرىشايلى" دېدى.

  ئالدىراش ئىمتىھان داۋاملاشماقتا. يېڭى بىر تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا، يولداش شى جىنپىڭ باشچىلىقدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى قوزغىدى. شى جىنپىڭ شى بەيپو تەۋە بولغان خېبېي ئۆلكىسىنى تەربىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنىڭ بىرىنچى تۈركۈم ئالاقىلىشىش نۇقتىسى قىلىپ، ئەمەلىيەتكە چوڭقۇرلاپ كىرىپ، خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ تەربىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قانات يېيىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

【1】 【2】 【3】 【4】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·زەھەرلىنىش، دورا ئىچكۈزۈش، تەن جازاسى بېرىش 
      ·مال ـ دۇنياسىنى كۆز ـ كۆز قىلىش ئۈچۈن ئالتۇن چىش قاپلىتىدۇ(1)
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى: نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەر نامرات رايونلاردىكى يېزىلىق ئوقۇغۇچىلارنى ئاشۇرۇپ قو…
      ·6-تۈركۈمدىكى ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ئىچكىرىگە بېر…
      ·كۇچا ناھىيەسى مائارىپ سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلىدى
      ·ئەنگىلىيە مۇئاۋىن مائارىپ مىنىستىرى شاڭخەيدە ماتېماتىكا ئوقۇتۇش تەجرىبىلىرىنى ئۆگەندى(1)
      ·ئىككى تېرلىيون 200 مىليارد يۈەن مائارىپ خىراجىتىنىڭ قانداق ئىشلىتىلگەنلىكى چۈشەندۈرۈلدى
      ·كورلا شەھىردىكى مەكتەپلەردە «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» داغدۇغىلىق تەبرىكلىدى(1)
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىستاتىستىكىسىدا شەھەر-يېزىلاردىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىش…
      ·ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھان نەتىجىسى بۈگۈن سائەت 18:00دە ئېلان قىلىنىدۇ