باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ نەزەربايېف بىلەن كۆرۈشتى

2014.03.24 09:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن گوللاندىيەدە قازاقىستان پىرېزىدېنتى نەزەربايېف بىلەن كۆرۈشتى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل 5-ئايدا سىز جۇڭگودا زىيارەتتە بولىسىز ھەمدە ئاسىيا ئۆز ئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى كېڭىشى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىسىز. مەن ئىقتىساد-سودا، ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن سىز بىلەن ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت ۋە زور خەلقئارا، رايون مەسىلىلىرىدە داۋاملىق چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈتمەكتىمەن. جۇڭگو قازاقىستان بىلەن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، زىيارەتتە تېخىمۇ كۆپ ماھىيەتلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشنى خالايدۇ.

  نەزەربايېف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئۆتكەن يىلى قازاقىستاندىكى زىيارىتى ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققىياتىغا زور دەرىجىدە تۈرتكە بولدى. بىز شۇ چاغدا ھاسىل قىلغان تۈرلۈك مۇھىم ئورتاق تونۇشلار مۇقىم قەدەمدە ئەمەلىيلەشمەكتە. مەن ئاسىيا ئۆز ئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى كېڭىشى باشلىقلار يىغىنىغا تەييارلىق قىلىش خىزمىتىگە يۈكسەك باھا بېرىمەن، باشلىقلار يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا ئىشىنىمەن. مەن جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇش ھەم سىز بىلەن كۆرۈشۈشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتىمەن.

  ئىككى تەرەپ نۆۋەتتىكى ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى قانۇن ۋە تەرتىپ رامكىسى ئىچىدە سۆزلىشىپ كېڭىشىش ئارقىلىق سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك دەپ ھېسابلىدى. جۇڭگو بىلەن قازاقىستان ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى ساقلايدۇ.

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر