خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 23-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن، دىڭخۇي شەرقىي رايونىدا، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى شياۋيەن (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) مەكتەپتىن ئۆيگە يېنىپ كەلگەندىن كېيىن، بىنادىن سەكرەپ، شۇ يەردىلا ئۆلگەن. ساقچى تەرەپ ئۆلگۈچىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقىنى دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتتى. ئىگىلىنىشىچە، شياۋيەن مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى تەرىپىدىن جازالىنىپ، 3 سائەت ئۆرە تۇرغانىكەن.
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر