ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئاتا-ئانىسى تۇنجى قېتىم ئۇنىڭ گۈل چېكىلگەن تېنىنى كۆرگەندە ئىختىيارسىز يىغلاپ كەتكەنىكەن، ئۇمۇ ئۆزىنىڭ «كارتون شەخس» كە ئوخشاپ قالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدىكەن. يەنە بىر ئەنگلىيەلىك ئاجراشقان ئايالنىڭمۇ لاررىيغا ئوخشاش غەلىتە خۇمارى بار ئىكەن، ئازابلىق نىكاھتىن ئاجرىشىشنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، بۇ ئايال پۈتۈن بەدىنىگە گۈل چەكتۈرۈۋەتكەن. بىراق ھازىر، 37 ياشلىق بۇ ئايال بۇنىڭدىن ۋاز كەچمەكچى بولۇۋېتىپتۇ، چۈنكى ئۇنىڭغا ئاشىق بولغانلار ئۇنىڭ گۈل چېكىلگەن تېنىدىن قورقۇپ كېتىپ قالىدىكەن.