باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>جۇڭگو ئارزۇسى

كۇچا ناھىيەسىدىكى دېھقانلار شاتلىقى ئارامگاھلىرى دېھقانلارنىڭ بېيىشىدىكى « ئالتۇن تاۋاق» قا ئايلاندى

2013.07.04 10:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۇچا ناھىيەسى « بىر يېزىدا بىر مەنزىرە بولۇش، بىر كەنىتتە بىر ماركا بولۇش، بىر ئائىلىدە بىر ئالاھىدىلىك بۇلۇش»دەك يېزا ساياھەتچىلىك داڭلىق ماركىسىنى ئاكتىپلىق بىلەن بەرپا قىلىپ، «ھۆكۈمەت يېتەكلەش، دېھقانلار ئاساسىي گەۋدە بولۇش، جەمئيەت قاتنىشىش» پىرىنسىپىغا ئاساسەن تەبىئى ئېكولوگىيە ، مىللىي ئۆرپ- ئادەت ۋە ئەنئەنىۋى يىمەك – ئىچمەك ئەۋزەللىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيە ۋە ئارام ئېلىش خاراكتېرلىك «دېھقانلار شاتلىقى ئارامگاھى» قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققى قىلدۇرۇپ، يېزىلارنىڭ تەرەققىيات كۈچىنى، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى.

  ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەت، مەبلەغ جەھەتتىن ياردەم بېرىشى بىلەن نۆۋەتتە كۇچا ناھىيەسدە 148 دېھقانلار شاتلىقى ئارامگاھى قۇرۇلۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە مارجان بۇلاق ئارامگاھى، ئالتۇن بۇلاق دېھقانلار شاتلىقى ئارامگاھى ، شامالباغ دېھقانلار شاتلىقى ئارامگاھى، ئاستانە ئارامگاھى قاتارلىق ئارامگاھلار ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى، مۇلازىمىتىنىڭ ئەلالىقى بىلەن ھەر مىللەت ئىستېمالچىلىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىپ، بۇ يىلنىڭ ئالدىنىقى يېرىم يىلىدا ھەر بىرى 100مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ساپ كىرىم قىلدى.

  كۇچا ناھىيەسى دېھقانلار شاتلىقى ئارامگاھىنىڭ تەرەققىياتى يىمەك –ئىچمەك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ۋە ئۆزگىچە مەدەنىيەت كەسپىي بىلەن ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ ماس قەدەملىك تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياخشى بولغان ئىشقا ئورۇنلىشىش سورۇنى ھازىرلاش بىلەن بىرگە يېڭى دەۋىوردىكى دېھقانلارنىڭ كىرىم يارىتىشتىكى « ئالتۇن تاۋاق» قا ئايلاندى. (كۇچا ناھىيەلىك پارتكۇم تەشۋىقات بۆلۈمى تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىدىن : نىياز راھمان، ئابلىكىم ھەسەن خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە