خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيون بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز غۇجىئابدۇللا مەمىتىمىن خەۋىرى،فوتوسى) يېزا ئاياللىرى ئارىسىدا ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىپ، زامانىۋى مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇش، ئاياللارنىڭ ھۈنەر-كەسىپ ئۆگىنىپ، ئائىلە كىرىمىنى كۆپەيتىشكە يېتەكلەش ئۈچۈن، 5-ئاينىڭ 31-كۈنى قاراقاش ناھىيەسى قويچى يېزىسىنىڭ باخشىلا كەنتىدە چېۋەر ئانىلارنىڭ تاماق ئېتىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ مۇسابىقىنى باخشىلار كەنتىگە نۇقتىدا تۇرۇشقا چۈشكەن «خوتەن گېزىتى» ئىدارىسى بىلەن قاراقاش ناھىيەلىك تاشيول شۆبە ئىدارىسىدىن باخشىلار كەنتىگە چۈشكەن «ئۈچ ئەل» پائالىيىتى خىزمەت گۇرۇپپىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان. پائالىيەتتە بۇ كەنتنىڭ بەش مەھەللىسىدىن تاللانغان 11 چېۋەر ئانا قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە قېرىن كاۋىپىدىن تارتىپ قوناق تائاملىرىغىچە بولغان مەززىلىك يەرلىك تائاملارنى تەييارلاپ، مېھمانلارنىڭ باھالىشىغا سۇندى. ئاخىرىدا بۇ چېۋەر ئانىلار ئۈچ دەرىجە بويىچە مۇكاپاتلاندى.
خوتەن ۋىلايەتلىك مېھرىبان ئانىلار جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرى ھەر بىر چېۋەر ئانىنى بىردىن گاز ئوچاق بىلەن تەمىنلىدى. شىنجاڭ «پاكدوس» ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتى ماھىرلارنىڭ مۇكاپاتىنى تەمىنلىدى ھەم سورۇنغا داخىل بولغان 1000دىن ئارتۇق ئاممىغا ئۆزلىرى ئىشلەپچىقارغان سوپۇن پاراشوكىدىن بىر خالتىدىن تەقدىم قىلىپ، ئاممىغا بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلىدى.
سۈرەتتە: پائالىيەتتىن كۆرۈنۈش
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى