مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بۇ دۆلەتتە يەنە چوڭ ئىش چىقتى!

2021.04.29 14:15 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو يەر تەۋرەش ئىستانسىسى تورىنىڭ رەسمىي ئۆلچەپ بېكىتىشىچە، 4- ئاينىڭ 28- كۈنى سائەت 10دىن 21 مىنۇت ئۆتكەندە ھىندىستاندا (شىمالىي كەڭلىك 26.76 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 92.50 گىرادۇس)تا 6.2 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 10 كىلومېتىر كېلىدىكەن.

  يەر تەۋرەشتىن باشقا يەنە يۇقۇم ئەھۋالى بار.

  ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلار تىزىملىكىدە يېڭىدىن كۆپەيگەنلەرنىڭ سانى ئۇدا ئالتە كۈن 300 مىڭدىن ئاشتى، ھىندىستاندا يۇقۇم ئەھۋالى جىددىي يامانلاشتى.

  ھىندىستاندا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گېرىپتار بولغان بىمارلار تىزىملىكىدە بىر كۈندە يېڭىدىن كۆپەيگەنلەرنىڭ سانى ئۇدا ئالتە كۈن 300 مىڭدىن ئاشتى. يۇقۇم ئۈزلۈكسىز يامانلىشىپ، داۋالاش بايلىقىنى تېز نەقلەشتۈرۈش ئېغىر دەرىجىگە چۈشۈپ قالدى، كۆپ جايدىكى جىددىي كېسەللەر كارىۋىتى، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ئوكسىگېن، نەپەسلەندۈرۈش ماشىنىسى قاتارلىقلار جىددىي ئەھۋالدا قالدى.

  ھىندىستان سەھىيە مىنىستىرلىقى 27- چېسلا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ دۆلەتتە ئالدىنقى كۈندىكىگە قارىغاندا، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گېرىپتار بولغان دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلار تىزىملىكىدە يېڭىدىن كۆپەيگەن بىمارلارنىڭ سانى 323 مىڭ 144 بولۇپ، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارلارنىڭ سانى جەمئىي 17 مىليون 636 مىڭ 307گە يەتكەن؛ ئۆلگەنلەر تىزىملىكىگە يېڭىدىن قوشۇلغانلارنىڭ سانى 2771 بولغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن، جەمئىي 197مىڭ 894 ئادەم ئۆلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ