مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قورقۇنچلۇق ئاگاھلاندۇرۇش كەلدى! 20-30 ھەسسە يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن

2021.04.28 12:56 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئالىمى: ھىندىستاندا ئەمەلىي يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى دوكلات قىلىنغان ساندىن 20- 30 ھەسسە يۇقىرى.

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئالىمى سۇمىيا سۋامىناتان 26- چېسلا ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى(CNN)نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھىندىستاندا نۆۋەتتە دوكلات قىلىنغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلارنىڭ سانى ۋە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى «ئېغىر دەرىجىدە تۆۋەن مۆلچەرلەندى»، ھىندىستاندا ئەمەلىي يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى ھۆكۈمەت دوكلاتىدىكى ساندىن 20- 30 ھەسسە يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن. ھىندىستان سەھىيە تارماقلىرىنىڭ 27- چېسلادىكى ئەڭ يېڭى ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، ئۆتكەن 24 سائەتتە، ھىندىستاندا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا گىرىپتار بولغانلار تىزىملىكىدە يېڭىدىن كۆپەيگەن بىمارلار 323 مىڭ 144كە، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارلار 17 مىليون 636 مىڭ 307گە يەتكەن. ئۆلگەنلەر سانىغايېڭىدىن قوشۇلغانلار 2771 ئادەم بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن، جەمئىي 197 مىڭ 894 ئادەم ئۆلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ