مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپئاشكارا چەكلەش ۋە بېسىش

2021.04.27 20:03 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ئاشكارىلانغان بىر نەچچە كۆرۈنۈش ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونى ئاپئاشكارا چەكلەش، جۇڭگونى بېسىشتەك ئىستراتېگىيەلىك سۇيىقەستىنى ئاشكارىلىدى.

  بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر كۆرۈنۈشتە، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق سابىق دىپلوماتىيە ئەمەلدارى، كىسسىنگېر ھۆكۈمىتى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇدىرى روبېرت دەيلى 2015-يىلى بىر تېلېۋىزىيە مۇنازىرىسىدە: جۇڭگو پۈتۈنلەي ئامېرىكىچە دېموكراتىيە يولىغا ماڭغان تەقدىردىمۇ، ئامېرىكا يەنىلا جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى چەكلىشى كېرەك، دېگەن. روبېرت دەيلى ئامېرىكىدىكى بەزى كىشىلەرنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان سىياسىتىدىكى بەزى ئويلىنىشىنى ئاشكارا ئېيتتى، يەنى: «ئامېرىكا بىخەتەرلىك جەھەتتە ئۆزىنىڭ رىقابەتچىسى بولماسلىقىغا چوقۇم كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك، بۇنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقايلى، بۇ بىر خىل فائۇۋىزم پەلسەپىسى.» «ئۇلار ئامېرىكىنىڭ ئاساسىي قانۇنى ۋە قانۇنلىرىنى پۈتۈنلەي شۇ پېتى كۆچۈرۈپ كېلىشكە ئۇرۇنغان تەقدىردىمۇ، بىز يەنىلا جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى چەكلىشىمىز كېرەك. بۇنىڭ سەۋەبى پەقەتلا بىزگە رىقابەتچى چىقىشىنى خالىمايمىز. بۇ تەشەببۇس ئېتىقاد بىلەن مۇناسىۋەتسىز. ئەگەر جۇڭگو ھەقىقەتەن مۇۋەپپەقىيەت قازانماقچى بولسا، ئېتىقادنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىز چوقۇم توسۇشىمىز كېرەك. جۇڭگو قايتىدىن نامراتلىق پاتقىقىغا پېتىپ قالسىمۇ ھېچقىسى يوق.»

  2-بۆلەك كۆرۈنۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، 2018-يىلى 8-ئايدا، ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پوۋېلنىڭ ئىشخانا مۇدىرى، سابىق قۇرۇقلۇق ئارمىيە پولكوۋنىكى لاۋرېنس ۋىلكىسسېن روئىن پاۋلو شۆيۈەنىدە قىلچە يوشۇرماستىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بىزنىڭ ئافغانىستاندا قوشۇن تۇرغۇزۇشىمىزدىكى ئۈچىنچى سەۋەب شۇكى، جۇڭگو شىنجاڭدا 20 مىليون ئۇيغۇر بار. مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى جۇڭگونىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى بولسا، ئەڭ ياخشى چارە دەل جۇڭگودا داۋالغۇش پەيدا قىلىش.»

  يەنە بىر بۆلەك كۆرۈنۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، 2015-يىلى، ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ سابىق تەرجىمانى سىبېل ئېدموندس سىن زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭنى قالايمىقانلاشتۇرۇش پىلانى ۋە ۋاسىتىسىنى تىلغا ئېلىپ، «شىنجاڭ جۇڭگونىڭ ئېنېرگىيە چوڭ تومۇرى. بىز ئاستا-ئاستا جۇڭگونىڭ ئىچكى قىسمىدا جىنىس قارتاسى، ئىرق قارتاسى ئوينىماقچى. ئامېرىكىنىڭ پىلانى دەل ئافغانىستان، ئۇكرائىنا، ئىراقتا قوللانغان چارىلەرنى شىنجاڭغا كۆچۈرۈپ كېلىپ، قۇرۇقتىن-قۇرۇق گەپ ياساپ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىشتۇر. شىنجاڭنى كېيىنكى تەيۋەنگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. گەرچە ئامېرىكا ئىنسانىي ھوقۇق قارتاسىنى تازا ئوينىغان بولسىمۇ، لېكىن ھەقىقىي ئەھۋال شۇكى، ئادەمدىن پايدىلانغىلى، پايدىلىنىش ئارقىلىق بىزنىڭ مەقسىتىمىزگە يەتكىلى بولغاندىن سىرت، بىز ئەزەلدىن پۇقرالارغا پەرۋا قىلمايمىز، ئادەم بىزنىڭ مەنپەئەت دائىرىمىزگە تەۋە ئەمەس.»

  كىشىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدىغان بۇ سۆزلەرنى ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سابىق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى قىلچە خىجىل بولمىغان ھالدا ئاغزىدىن چىقىرىپ، دۇنيادىكى بارغانسېرى كۆپ كىشىلەرگە ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونى بېسىشىنىڭ ئېتىقادقا، دېموكراتىيەگە، كىشىلىك ھوقۇققا، قىممەت قارىشىغا مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكى، پەقەتلا ئاپئاشكارا جۇغراپىيەلىك رىقابەت ۋە ئىستراتېگىيەلىك بېسىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

  چەكلەش ۋە بېسىش جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى توسۇپ قالالمايدۇ. ئامېرىكىنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرى دۇنيادىكى زومىگەرلەرنىڭ «رەھبەرلىك ئورنى»دىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان چوڭ دۆلەتلەرنى توسقانلىقىنىڭ تىپىك ئىپادىسى، لېكىن جۇڭگونى توسۇش ئىستراتېگىيەلىك خاتالىقتۇر، جۇڭگو-ئامېرىكا رىقابىتى يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئەمەس، ئامېرىكىنىڭ قارىغۇلارچە ئۆزىگە ئىشىنىشى ئىنتايىن خەتەرلىك. شىنجاڭ، شياڭگاڭ ھەممىسى جۇڭگونىڭ زېمىنى، ھەممىسى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىدۇر، جۇڭگو تەيۋەن مەسىلىسىدە تېخىمۇ بوش كەلمەيدۇ. ئاسىيا ۋە دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەر غەربنى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە قوش ئۆلچەم قوللىنىدۇ، دەپ قارايدۇ. كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە جۇڭگوغا ئاشكارا ھۇجۇم قىلىش چوقۇم مەغلۇپ بولىدۇ.

  روشەنكى، غەرب ئەللىرى جۇڭگونىڭ قەد كۆتۈرۈشى ئۈچۈن ئوبدان تەييارلىق كۆرمىدى، ئامېرىكا يېقىنقى 100 يىلدىن بۇيانقى زومىگەرلىكى ۋە تەكەببۇرلۇقى سەۋەبلىك جۇڭگونىڭ قەد كۆتۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشقا ئامالسىز قالدى، ھەتتا جۇڭگونىڭ يېتىشىۋېلىش، ئېشىپ كېتىش رېئاللىقىنى ئېتىراپ قىلىشنى خالىمىدى، شۇنىڭ بىلەن يا «تۆگىقۇش» بولۇپ، «ئامېرىكىنىڭ زومىگەرلىكى يەنە 100 يىل داۋام قىلىدۇ» دەپ جار سالدى، يا بولمىسا ئادەتتىن تاشقىرى تىت-تىت بولۇپ، قارىغۇلارچە ھەرىكەت قىلىپ، ھاياجانلىنىپ، ھەدەپ «ئالاقىنى ئۈزدى». «دۇنياۋى قىممەت»، «قائىدە-تەرتىپ» دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى پەقەتلا ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونى ئىستراتېگىيەلىك چەكلەش، بېسىشتىكى ئەرزان شوئارى ۋە قورالىدۇر.

  بۈگۈنكى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلە زومىگەرلىك، زوراۋانلىق بىلەن ئادىللىق، ئادالەت ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش ۋە ئېلىشىشتىن ئىبارەت. دەۋرنىڭ ئۆزىگە خاس دەۋر يۆنىلىشى بولىدۇ، دۇنيانىڭ ئۆزىگە خاس دۇنيا ھەققانىيلىقى بولىدۇ. ھەرقانداق دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ باراۋەر تەرەققىي قىلىش ھوقۇقى بار. ھەرقانداق بىر دۆلەت مەيلى قانچىلىك كۈچلۈك بولسۇن، مەيلى قانچىلىك زومىگەر بولسۇن، لېكىن دۇنيا تەرەققىيات ئېقىمىنىڭ قارشى تەرىپىدە تۇرۇپ، كۈچلۈكلىكىگە تايىنىپ ئاجىزلارنى بوزەك قىلسا، تەتۈر يول تۇتسا، مۇقەررەر ھالدا باش-كۆزىنى يېرىۋالىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ