خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 15-ئىيۇل ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ئىسرائىلىيە زېمىندا يېڭىدىن يەنە بىر يۈرۈش «تۆمۈر گۈمبەز» ناملىق راكېتا بومبا توسۇش سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرغان، بۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلىيە زېمىنىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان «تۆمۈر گۈمبەز» ناملىق راكېتا بومبا توسۇش سىستېمىسى ئون يۈرۈشكە يەتكەن. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بىر ھەپتە بۇرۇن غەززەگە «پىچاق بىسى قوغدىنىش ھەرىكىتى» قوزغىغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە غەززەدىكى قوراللىق ئۇنسۇرلار ئۆتكەن بىر ھەپتىدە ئىسرائىلىيە زېمىنىغا نۇرغۇن راكېتا بومبا ئاتقان، بۇ راكېتا بومبىلار ئىسرائىلىيەنىڭ جەنۇبىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن شەھەر ۋە رايونلارغا چۈشكەن. راكېتا بومبىنى يەنىمۇ ئۈنۈملۈك توسۇش ئۈچۈن ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى «پىچاق بىسى قوغدىنىش ھەرىكىتى» باشلانغاندىن كېيىنكى بىر ھەپتىدە ئۈچ يۈرۈش «تۆمۈر گۈمبەز» ناملىق راكېتا بومبا توسۇش سىستېمىسىنى كۆپەيتىپ ئورۇنلاشتۇۇرۇپ، بۇ سىستېمىنى يەتتە يۈرۈشتىن ئون يۈرۈشكە يەتكۈزگەن.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى