باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سىياسىي جەھەتتىكى مالىمانچىلىق سەۋەبىدىن ئىتاپىيە مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزمەكچى بولىۋاتىدۇ(3)

2013.07.29 10:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ ئارىدا سىياسىي ئوبزورچىلار تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: يۇقىرىقى ۋەقەلەردىكى پېرسوناژلار ئۆزى قاراشلىق سىياسىي پارتىيە گۇرۇھلارغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىتالىيە چوڭ سايلىمىدا ھېچقانداق بىر سىياسىي پارتىيە ياكى پارتىيەلەر ئىتتىپاقى مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئېرىشەلمىگەنلىكتىن، ھەر قايسى تەرەپلەر ئاخىرقى ھېسابتا يېڭى ھۆكۈمەتنى بىرلىشىپ تەشكىللەشكە مەجبۇر بولدى. بۇ بىرلەشمە ھۆكۈمەت گەرچە ئىتالىيەنى ۋاقتىنچە كرىزىستىن ساقلاپ قالسىمۇ لېكىن ئورنىنى ئالغىلى بولمىغۇدەك نۇقسان پەيدا قىلىدۇ: يېڭى ھۆكۈمەت مەلۇم كونكرېت ئىشقا يولۇققاندا ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مەنپەئەتىنى تەڭشەشكە مەجبۇر بولۇپ، ئۈزلۈكسىز ھەر قايسى تەرەپتىن كەلگەن سىياسىي كۈچلەرنىڭ چەكلىمىسى ۋە ئىسكەنجىسىگە ئۇچرايدۇ. گەرچە باش مىنىستىر لەيتا ھۆكۈمەت ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ بېسىمىغا بەرداشلىق بېرىپ، ئاساسلىق زېھنىنى ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ۋە چەتئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىشقا قارىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ھەر قايسى سىياسىي گۇرۇھلار ئارىسىدىكى زىددىيەتنى ھەقىقىي ياخشى بىر تەرەپ قىلالمىسا ئەمدىلا قۇرۇلغان ھۆكۈمەت بىر ئىزىدا توختاپ قېلىشى، ئىتالىيە يەنە بىر قېتىم مۇددەتتىن بۇرۇن چوڭ سايلام ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولۇشى مۇمكىن.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل