باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سىياسىي جەھەتتىكى مالىمانچىلىق سەۋەبىدىن ئىتاپىيە مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزمەكچى بولىۋاتىدۇ(2)

2013.07.29 10:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىككىنچى قالايمىقانچىلىق: مۇئاۋىن پارلامېنت باشلىقىنىڭ ئېرىقچىلىق ھەققىدىكى سۆزلىرى تالاش تارتىش قوزغىدى. ئىتالىيە كېڭەش پالاتاسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى كاردېرولى بۇندىن ئىلگىرى بىر پائالىيەتكە قاتناشقاندا، ئىتالىيەنىڭ بىرىكىش ۋە بىر گەۋدىلىشىش مىنىستىرى كې يەنگې كاردېرولىنى ھاقارەت قىلىپ ئۇنى ئورانگوتانغا ئوخشاتقان. ئۇ بۇ سۆزنى ئېيتقاندىن كېيىن جامائەتچىلىك كاردېرولىنىڭ ئېرىقچىلىق ھەققىدىكى سۆزلىرىگە كۈچلۈك ھۇجۇم قىلغان. كې يەنگې ئىتالىيە تارىخىدىكى تۇنجى قارا تەنلىك مىنىستىر بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى ئۆزىنىڭ ھەر كۈنى تۈرلۈك شەكىلدە جىسمانىي جەھەتتىكى ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، بەزىلىرىنىڭ ھەتتا ئۇنىڭ ھاياتىغا تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. كې يەنگې كاردىرولىننىڭ كېڭەش پالاتاسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقىلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشىنى ھەمدە ھەقىقىي ئىقتىدارلىق كىشىنىڭ بۇ مۇھىم ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىشىنى تەلەپ قىلدى. كاردېرولىن رەددىيە بېرىپ: ئۆزىنىڭ ھايۋانلارغا ئامراق ئىكەنلىكى ھەمدە دائىم دېگۈدەك ئالاھىدە ھايۋانلار بىلەن كىشىلەرنى سۈپەتلەيدىغانلىقى، مىنىستىر كې يەنگېنىڭ سۆزلىرىنىڭ پەقەتلا سىياسىي جەھەتتىن بولماستىن بەلكى گۈزەللىك جەھەتتىكى باھاسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. شۇنداق بولغان بولسىمۇ، بۇ چۈشەندۈرۈش يەنىلا ناھايىتى ئاجىز بولۇپ، قىلچە قايىل قىلارلىق ئەمەس. ئىتالىيە باش مىنىستىرى لەيتا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كاردېرولىننىڭ سۆزى تۈپ ئەخلاق چېكىدىن ھالقىپ كەتتى، ئۇ بارلىق ئەمىلىدىن ئىستىپا بېرىشى كېرەك.

  ئۈچىنچى قالايمىقانچىلىق: سىياسىي پارتىيەنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئۆزئارا ئورا كولاش. ئىتالىيەنىڭ سىياسىي سەھنىسىدىكى قالايمىقانچىلىق ئارقا كۆرۈنۈشى ئاستىدا فلورىنسا شەھىرىنىڭ باشلىقى، ئوتتۇرا سول قانات پارتىيىسى دېموكراتىك پارتىيىسىدىكى سىياسىي يېڭى مۇنەۋۋەر شەخس لەنچى نەزىرىنى كېيىنكى قەدەمدىكى چوڭ سايلامغا ئاغدۇردى. بۇندىن ئىلگىرى ئۇ گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېل بىلەن ئۆز ئالدىغا ئۇچراشتى، مەقسىتى قارشى تەرەپنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ، ئۆزىنىڭ كېيىنكى قەدەمدىكى سىياسىي ھاياتىغا يول ئېچىش ئىدى. ئوخشاشلا دېموكراتلار پارتىيىسىدىن بولغان باش مىنىستىر لەيتا بۇ ئىشتىن قىلچە خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. بىر پارتىيەنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئۆز ئارا ئورا كولاشقا قارىتا جامائەتچىلىك مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ خىل ئىچكى ئۇرۇش ھادىسىلىرى كەم ئۇچرايدۇ. ناۋادا بۇ نۆۋەتلىك سىياسىي ھۆكۈمەت تەختتىن چۈشسە، ئىتالىيە يەنە بىر قېتىم سىياسىي ھاكىئومغا ئايلىنىپ قالىدۇ.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل