Magh Mela بايرىمى يەنە «زەمزەمدە يۇيۇنۇش بايرىمى» دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، دۇنيادىكى قاتنىشىدىغان ئادەم سانى ئەڭ كۆپ بايراملارنىڭ بىرى. 14-يانۋار بۇ بايرامغا ئۇدۇل كەلگەن بۇ بايرامدا، نەچچە يۈز مىليۇن قىپيالىڭاچ ھىندى مۇرتلىرى شۇ كۈنى روھانىيلارغا ئەگىشىپ، ئىلگىرىكى گۇناھلىرىنى يۇيۇش ئۈچۈن گانگا دەرياسىدا يۇيۇندى.
ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 14-يانۋاردىكى خەۋىرىگە ئاساسەن، ھىندىستاننىڭ شىمالىي قىسمىدىكى شەھەر ئاللاھئابادتا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ بايرامنىڭ ۋاقتى 55 كۈن بولۇپ، مۆلچەرلىنىشچە بۇ بايرامغا 100 مىليۇنغا يېقىن ئادەم قاتنىشىشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ ئالىي دەرىجىلىك ئەمەلدارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىنگىچە، تەخمىنەن 3 مىليۇن ئادەم بۇ بايرامغا قاتناشقان، ئەمما شۇ كۈنى ئاخىرلاشقاندا بولسا، تەخمىنەن 11 مىليۇن ئامما سۇغۇق دەريا سۈيىگە چۈشۈپ تەبرىكلىگەنلىكى مۆلچەرلەنگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، كىشىلەر دەريا سۈيىدە يۇيۇنىۋاتقاندا، يەنە نۇرغۇن كىشىلەر دەريا بويىغا يىغىلىپ ئۆزلىرىگە يۇيۇنۇش پۇرسىتىنىڭ كېلىشىنى سەۋىرچانلىق بىلەن كۈتكەن. ئۇلار سۇغا كىرىشى بىلەن مەيلى ئەر، ياكى ئايال ۋەياكى كىچىك بالا بولسۇن ھەممىسى ھىندى دىنىنىڭ ئاياتلىرىنى يۇقىرى ئاۋازدا ئوقۇغان.