8- ئاينىڭ 30 ـ كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى يۇقۇم مۇداپىئە ـ تىزگىن ئەھۋالى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر سۈن چاڭبو تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جايلاردىكى مەكتەپلەر «بىر جايدا بىر تۈزۈم»، «بىر مەكتەپتە بىر تەدبىر»گە ئاساسەن، ئوقۇش باشلاش خىزمەت لايىھەسى، يۇقۇم مۇداپىئە ـ تىزگىن لايىھەسى ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى ئىلمىي تۈزۈپ، ئوقۇش باشلاش ئۇقتۇرۇشىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلدى.
شۇ جايدىكى مەكتەبلەر يۇقۇم مۇداپىئە-تىزگىن تەلىپىگە يەتمىگەن، تۈرلۈك مۇداپىئە-تىزگىن تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرمىگەن، ئۈنۈملۈك جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى ۋە مانېۋىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرمىگەن ئەھۋالدا ئوقۇش باشلاشقا بولمايدۇ. زۆرۈر بولغاندا توردا ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى قوللانسا بولىدۇ. «بىر ئادەمگە بىر ئارخىپ بولۇش»تا مەكتەپكە قايتقان ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلار، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنىڭ ئۇچۇر ھېسابات دەپتىرى تۈزۈلۈپ، مەكتەپكە قايتقان ئوقۇتقۇچى ـ ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرگە مۇداپىئە-تىزگىن سىياسەت ـ تەدبىرلىرى تۈرگە ئايرىپ دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.
جايلاردىكى مەكتەپلەر شۇ جايدىكى يۇقۇم مۇداپىئە-تىزگىن ۋەزىيىتىگە ئاساسەن، ئوقۇش باشلاش ۋاقتى، ئوقۇش باشلاش شەكلى ۋە دەرس ئۆتۈش ئۇسۇلىنى ئىلمىي، توغرا بېكىتتى.
نۆۋەتتە، ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لەردىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئوقۇش باشلاشقا تەييارلىق قىلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، كەينى ـ كەينىدىن 9 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنىدىن بۇرۇن ۋاقىتنى گىرەلەشتۈرۈپ ئوقۇش باشلاپ، توردا ۋە تور سىرتىدا ئوقۇغۇچىلارنى تىزىمغا ئالدۇرۇشقا تەشكىللەپ، ئوقۇتۇشنى قانات يايدۇرۇپ، يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىنى كۈتۈۋالدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ