مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

[ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرايلى]

بېيجىڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ مۇھەببىتى چوڭقۇر، بېيجىڭ شەھىرى 4 مىليون 700 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جىددىي ماددىي ئەشياسىنى شىنجاڭغا يەتكۈزدى

2022.08.30 15:45 مەنبە: خەلق تورى

  2000 چېدىر، 2000 قاتلىما كارىۋات، 2000 يوتقان-كۆرپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇقۇمغا قارشى تۇرۇشتىكى جىددىي ماددىي ئەشيا 28-چېسلا بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم، شەھەرلىك ھۆكۈمەت ياردەم قىلغان 4 مىليون 700 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جىددىي ماددىي ئەشياسى سۈپىتىدە ئاپتونوم رايونلۇق ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرى زاپاس مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ كۈيتۈن شۆبە ئامبىرىغا يەتكۈزۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىشۋە ئۇنى تىزگىنلەش جېڭىدە تېزدىن غەلىبە قىلىشىغا بېيجىڭ تۆھپىسىنى قوشتى.

  بېيجىڭ شەھىرى 4 مىليون 700 مىڭ يۈەنلىك يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جىددىي ماددىي ئەشياسىنى جىددىي ماسلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى تىزگىنلىشىگە ياردەم بەردى. گاۋ شياڭ فوتوسى

  كۆپ يىللاردىن بۇيان، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم، شەھەرلىك ھۆكۈمەت باشتىن ـ ئاخىر ئەڭ ياخشى ئىش قىلىش ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمەت مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمەت ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئەقلىي كۈچ جەھەتتە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، خەلق تۇرمۇشى ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەدەنىيەت ـ مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قاتارلىق ساھەلەرگە سىجىل كۈچەپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك ئىشلىرىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشتى. «13- بەش يىل» مەزگىلىدە، بېيجىڭ شەھىرى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە جەمئىي 571 يىرىك پىلان تۈرىنى يولغا قويۇپ، 10 مىليارد 590 مىليون يۈەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغى ئاجراتتى، بەش يىلدا نىشانلىق ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلاردىكى 521 مىڭ 600 نامرات ئاھالىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەردى، خوتەندىكى «بىر شەھەر، ئۈچ ناھىيە» ۋە بىڭتۈەن 14 ـ شىسى نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاش ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە تاماملىدى.

  بۇ قېتىمقى يۇقۇم ئەھۋالى يۈز بەرگەندىن كېيىن، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى ئاپتونوم رايوننىڭ جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش زاپاس ماددىي ئەشيالىرىنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكىنى ئىگىلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى (شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئىشخانىسى) بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالاقىلىشىپ، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جىددىي ماددىي ئەشيالىرىنى پائال ماسلاشتۇردى. بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم، شەھەرلىك ھۆكۈمەت تېزدىن بېيجىڭ شەھەرلىك ياردەم بېرىش ھەمكارلىق ئىشخانىسى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلارنى تەشكىللەپ، مەخسۇس تېمىدا ماسلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، يۇقۇمغا قارشى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرىنى توپلاپ يۆتكىدى.

  15 يۈك ساندۇقى قاچىلانغان جىددىي ماددىي ئەشيالار شىنجاڭغا يېتىپ كەلدى. يۈ جيې فوتوسى

  8- ئاينىڭ 23 ـ كۈنى كەچتە 15 يۈك ساندۇقى قاچىلانغان جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرى قاچىلانغان مەخسۇس پويىز بېيجىڭدىن شىنجاڭغا قاراپ يولغا چىقتى، 80 نەچچە سائەت يول يۈرۈپ، شىنجاڭغا ئوڭۇشلۇق يېتىپ كېلىپ، پايتەخت خەلقىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا بولغان چوڭقۇر غەمخورلۇقىنى ئېلىپ كەلدى.

  ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭ شېنجېن، خېنەن، شەندۇڭ، خېبېي، جياڭسۇ، بېيجىڭ قاتارلىق ئۆلكە، شەھەرلەردىن 35 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جىددىي ماددىي ئەشياسىنى تاپشۇرۇۋالدى، سەنشى، خۇبېي، جياڭشى قاتارلىق ئۆلكىلەر ماددىي ئەشيالارنى جىددىي تەييارلاۋاتىدۇ. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، شىنجاڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ كەسكىن جەڭدە تېز غەلىبە قىلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ