مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كونا شەھەرنى قانداق ئۆزگەرتىشتە ئاممىنىڭ دېگىنى ھېساب

2021.09.15 09:05 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  تارىخنىڭ بوران - چاپقۇنلىرىدىن ھالقىغان بىر كونا شەھەر، ۋاقىت مەخپىي شىفىرى يۈكلەنگەن كوچىلار، يەكەن كونا شەھىرىدە ماڭغاچ، بۇ جاينىڭ ئۆزگىچە تۈسىنى ھېس قىلدىم: بۇ جاي ھەم قەدىمىي ئەسلىي قىياپىتىنى ساقلاپ قالغان، ھەم ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان ئاۋات قىياپىتىنى يوقاتمىغان.

  يەكەن كونا شەھىرىنىڭ تارىخى ئۇزاق، مىللىي ئالاھىدىلىكى قويۇق. ھالبۇكى، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، كونا شەھەردە كىشىلەر بارغانسېرى زىچلاشتى، ئۆيلەر بىر - بىرىگە تۇتاش، ئىشىكلەر بىر - بىرىگە ئۇدۇل، كوچىلار بارغانسېرى تارلىشىۋاتقان بولۇپ، ئاخىرىدا «پاسكىنا سۇلار پارغا ئايلىنىپ تۈگەيدىغان، ئەخلەتلەر شامالدا ئۇچۇپ يۈرىدىغان» كەپىلىك رايونغا ئايلىنىپ قالغان.

  يەكەن ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ناھىيەلىك ھۆكۈمەت كونا شەھەرنى ئۆزگەرتىشنى بىر تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، خەلق رايى قۇرۇلۇشى سۈپىتىدە تۇتۇشتا چىڭ تۇردى، 2018 - يىلى 4 - ئايدا كونا شەھەرنى ئۆزگەرتىشكە تۇتۇش قىلىپ، «بىر ئائىلىگە بىر لايىھە» «بىر كوچىدا بىر مەنزىرە» بولۇش شەكلى ئارقىلىق، كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش بىلەن ساياھەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتتى.

  9 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، يەكەن كونا شەھەردىكى قازانچى كوچىسىغا كىرگەندە، قۇلىقىمغا «تاراڭ - تۇرۇڭ» قىلىپ سوقۇلغان ئاۋازلار ئاڭلاندى. كوچا بويىدىكى تۆمۈر قازان دۇكىنى، مىس قازان دۇكىنىدىكى ھۈنەرۋەنلەر ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى.

  قازانچى كوچىسىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا، كۆلىمى 700 نەچچە كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان، «قادىر غازى ئۆزگىچە سامسىلىرى» دېگەن بىر ئاشخانا بار. ئاشخانىنىڭ ئىگىسى، 32 ياشلىق ئابدۇقاھار ئەنۋەر قازانچى كوچىسىدىكى ئەڭ داڭلىق سامسىخانىنىڭ 4 - ئەۋلاد ۋارىسى.

  «بۇ خىل تەمدىكى سامسىنى يېقىش ئۇلۇغ بوۋامدىن مىراس قالغان ئىكەن.» كىچىكىدىن تارتىپلا يەكەن كونا شەھەردە چوڭ بولغان، داشۆ پۈتكۈزۈپ دادىسىنىڭ كەسپىگە ۋارىسلىق قىلغان ئابدۇقاھار مۇنداق دېدى: «مەن ئەجدادىمىزدىن قالغان بۇ ھۈنەرنىڭ داڭقىنى تېخىمۇ چىقىرىمەن».

  «ئىلگىرى تىجارەت كۆلىمى بەك كىچىك بولغاچقا، سودامنى كېڭەيتىشكە ئامالسىز قالغانىدىم.» ئابدۇقاھار مۇنداق دېدى: كونا شەھەرنىڭ ئۆزگەرتىلىشىگە ئەگىشىپ، مەن دۇكىنىمنى يېڭىلاپ، كونا كېسەك دۇكاننى چىرايلىق بىنا دۇكانغا ئۆزگەرتتىم.

  «ھازىر ياخشى بولدى، مۇھىت گۈزەللەشتى، سودام تېخىمۇ روناق تاپتى.» ئابدۇقاھارنىڭ سۆزلىرىدىن ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى بىلىنىپ تۇراتتى، «تىجارەت كۆلىمىنى بىر ھەسسىدىن كۆپرەك كېڭەيتتىم، خېرىدارلار ئۈچ - تۆت ھەسسە كۆپەيدى، كۈنلۈك تىجارەت كىرىمىم ئەسلىدىكى 8000 - 7000 يۈەندىن كۆپىيىپ 40 - 30 مىڭ يۈەنگە يەتتى».

  5.16 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان يەكەن كونا شەھەر قوغداش رايونىدا 48 مىڭ 669 ئائىلە، 219 مىڭ ئادەم بار. «كونا شەھەرنى قانداق ئۆزگەرتىشتە ئاممىنىڭ دېگىنى ھېساب بولدى.» ئىلگىرى كونا شەھەر يېرىك پىلان لايىھەسىگە قاتناشقان يەكەن ناھىيەسى كونا شەھەر كوچا رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇتەخەسسىسى ياۋ جى مۇنداق دېدى: ئاھالىلەرنىڭ ئارزۇسىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا، ھۆكۈمەت ھەربىر ئائىلىگە 30 مىڭ يۈەن ياردەم پۇلى بېرىپ، «بىر ئائىلىگە بىر لايىھە» «بىر ئۆينى كۆپ خىل لايىھەلەش»نى يولغا قويۇپ، ھەربىر ئۆينىڭ كۆلىمىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىگە ئاساسەن 20 يۈرۈش چېرتيوژ لايىھەلەپ، ئاھالىلەرنىڭ ئۆزىگە تاللاتقۇزدى.

  يەكەن ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ناھىيەلىك ھۆكۈمەت «ئەسلىي قىياپىتىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا رېمونت قىلىش، قىياپىتىنى قوغداش، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش» پىرىنسىپى بويىچە، كونا شەھەر رايونى تەرەققىياتىنىڭ ھازىرقى ھالىتى، ئاھالىلەرنىڭ جايلىشىشى، تارىخىي مەدەنىيىتى، تارىخىي تۇرالغۇلىرى، ئۆرپ - ئادەت ئالاھىدىلىكى، ساياھەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۇل ئەسلىھە، ئاممىۋى مۇلازىمەت قاتارلىق ئامىللارنى بىرتۇتاش ئويلىشىپ پىلانلاپ، لايىھەلەپ، ئاھالىلەرنىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسىنى قايتىدىن قۇرۇشى، پۇختىلىشى، رېمونت قىلىشى، گۈزەللەشتۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، يەكەن ئۈچۈن «كونا شەھەر ئەسلىمىسى»نى قالدۇردى.

  «بىز كوچىلارنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش بىلەن ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزگەرتىپ قۇرۇش داۋامىدا مۇنەۋۋەر ئىمارەت ئۇسلۇبى ۋە ئەنئەنىۋى ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيىتىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردۇق» دېدى ياۋ جى.

  ئەمەلىيەتتە، كونا شەھەر قۇرۇلۇشىنى باشلاش ئانچە ئوڭۇشلۇق بولمىدى، تىجارەتچىلەر دەسلەپتە بۇنى چۈشەنمىدى. «ئۇلار ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى كونا كوچىلارنىڭ بىز دېگەندەك ياخشى بولماي قېلىپ، خەجلىگەن پۇلىنىڭ بىكارغا كېتىشىدىن ئەندىشە قىلدى» دېدى يەكەن ناھىيەلىك كونا شەھەر كوچا رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى مەمەتتۇرسۇن ئابدۇرېشىت.

  تىجارەتچىلەرنىڭ ئەندىشىسىنى تۈگىتىش ئۈچۈن، يەكەن بازىرى تۈركۈمگە بۆلۈپ تىجارەتچىلەرنى ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرۇپ، دىتى بار بىر قىسىم ياشلارنى باشلامچىلىق بىلەن دۇكىنىنى ئۆزگەرتىشكە ئىلھاملاندۇردى. مەبلەغ قىيىنچىلىقى بار تىجارەتچىلەرگە بازار يەنە ياردەملىشىپ قەرز پۇل ھەل قىلىپ بەردى. ناھايىتى تېزلا، يەكەن كونا شەھىرىنى ئۆزگەرتىش قىزغىنلىقى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى.

  57 ياشلىق خەيرىگۈل تۇرسۇن كونا شەھەرنى ئۆزگەرتىشتىن مەنپەئەتلەنگۈچىلەرنىڭ بىرى. ئىلگىرى ئۆپكە - ھېسىپ سېتىشقا تايىنىپ تۆت بالىسىنى باققان خەيرىگۈل كوچا بويىدىكى دۇكىنىنى يېڭىلاپ، ئىككى قەۋەتلىك بىنا سالدى.

  «يېڭىلاپ سېلىنغاندىن كېيىنكى ئۈچ ئېغىزلىق دۇكانغا ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ئۈچ ئېغىز ئۆينى قوشقاندا، بىر يىللىق ئىجارىسى 80 مىڭ يۈەن.» خەيرىگۈل كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ھازىر مەن ئۆپكە - ھېسىپ ساتماي، ئۆيدە خاتىرجەم نەۋرە باقىدىغان بولدۇم».

  يەكەن ناھىيەسى كونا شەھەر يادرولۇق قوغداش رايونى ئىچىدىكى ئون جايدىكى ھەر دەرىجىلىك يۆتكىگىلى بولمايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى نۇقتىلىق قوغداپ، كونا ناھىيە يامۇلى، قەدىمىي شەھەر سېپىلى، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى كىنوخانا، پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئەسلىي ئورنىنى رېمونت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ قىياپىتى ۋە مەدەنىيەت ئىچكى خاس مەزمۇنىنىڭ بۇزۇلماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  يەكەن ناھىيەسى «يېمەك - ئىچمەك، تۇرالغۇ، قاتناش، ساياھەت، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش»تىن ئىبارەت ئالتە ئامىل بويىچە «كونا شەھەردىكى قەدىمىي كوچىلارنى ئۆزگەرتىش + ساياھەت مەدەنىيىتى» يېڭى كەسىپ ھالىتىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى، يەكەن كونا شەھىرى 28 خىل كەسىپ ھالىتىنى يېتىلدۈرۈپ، يەككە سودا - سانائەتچىدىن 21 مىڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، 32 مىڭ 973 ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى، ئاھالىلەرنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى.

  «بۇ يىل 1 - ئايدىن 8 - ئايغىچە، كونا شەھەر مەنزىرە رايونى 1 مىليون 489 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.8 ئاشتى، ساياھەت كىرىمى 156 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.2 ئاشتى» دېدى مەمەتتۇرسۇن.

  يەكەن كونا شەھىرى قەدىمىي، تارىخىي تۈسكە ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە ھەم ياش، ھەم زامانىۋى. قەدىمىيلىك بىلەن زامانىۋىلىق بىر - بىرىگە ھۆسن قوشقان، ئەنئەنىۋىلىك بىلەن كىلاسسىكلىق يۇغۇرۇلۇپ بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان، ئۇزاق يىللىق بوران - چاپقۇننى باشتىن كەچۈرگەن يەكەن كونا شەھىرى مەدەنىيەت بايلىقىنى قەلەم قىلىپ، يېڭى ئىستىل، توغرا كەيپىياتتىن سىياھدان تاۋلاپ، پۈتۈن رايون كۆپ خىللىقىنى سىياھ قىلىپ، ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىۋاتقان بىر پارچە يېپيېڭى يۆگىمە رەسىمىنى سىزىپ چىقماقتا.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ