مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئالاقە تورى ئۇچۇرى ئىشخانىسى قاتارلىق تارماقلار توردا قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىشقا دائىر تىپىك دېلو مىسالىدىن 15نى ئاشكارىلىدى

2021.08.27 14:07 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئالاقە تورى ئۇچۇرى ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى پاش قىلىش يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، توردا قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىشقا دائىر تىپىك دېلودىن 15نى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى ھەم ئاشكارىلىدى. تەكشۈرۈلۈشىچە، مۇناسىۋەتلىك تور ئۇچۇرلىرىنىڭ مەزمۇنىنى ئىشلەپچىقارغۇچىلار «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تور بىخەتەرلىكى قانۇنى» «تور ئۇچۇرى مەزمۇنىنى ئېكولوگىيەلىك تۈزەش بەلگىلىمىسى» قاتارلىق قانۇن-بەلگىلىمىلەردە ئېنىق چەكلەنگەن پىتنە-ئىغۋا، شەھۋانىيلىق، قىمار ئويناش قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئىشلەپ، كۆپەيتىپ، تارقىتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، تور ئېكولوگىيە مۇھىتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان، ئالاقە تورى ئۇچۇرى تارماقلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى مۇناسىۋەتلىك خادىملار ۋە ھېسابات نومۇرلىرىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى.

  1-دېلو مىسالى: جياڭشى ئۆلكىسىدىكى تور ئەھلى جاڭ X، لەي Xنىڭ قاقتى-سوقتى قىلىش دېلوسى

  2021-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى، تور ئەھلى جاڭ X، لەي Xنىڭ ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ، ئايال قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، شىنجاڭ بورتالا ئوبلاستىدىكى تور ئەھلى بىلەن يالىڭاچ پاراڭلاشقان ھەمدە ئۇنى قاقتى-سوقتى قىلغانلىقىنى پاش قىلغان، دېلوغا چېتىشلىق سومما جەمئىي 154 مىڭ 800 يۈەن. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە جاڭ X، لەي Xنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويدى ھەم ئۇلارغا جەرىمانە قويدى.

  2-دېلو مىسالى: تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى تور ئەھلى جاڭ Xنىڭ كىرېدىت كارتىسى ئالدامچىلىقى دېلوسى

  2021-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى، تور ئەھلى جاڭ Xنىڭ قەرز پۇل سوممىسىنى ئىلتىماس قىلىشنى باھانە قىلىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىدىن يان تېلېفون، كىملىك، بانكا كارتىسى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى تەلەپ قىلىپ ھەمدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرىدىن پايدىلىنىپ، بىر قانچە قەرز پۇل بېرىش APPسى ئارقىلىق قەرز ئېلىشقا ئىلتىماس قىلغانلىقىنى پاش قىلغان، دېلوغا چېتىشلىق سومما جەمئىي 37 مىڭ 400 يۈەن. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە جاڭ Xنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويدى.

  3-دېلو مىسالى: ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تور ئەھلى لى X، خەن X قاتارلىق توققۇز ئادەمنىڭ تور ئالدامچىلىقى دېلوسى

  2021-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى، تور ئەھلى لى X، خەن X قاتارلىق توققۇز ئادەمنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى «تيەنخوڭ بوسەي APP»نى چۈشۈرگۈزۈپ، توردا قىمار ئويناش ئۇسۇلى ئارقىلىق تور ئالدامچىلىقى قىلغانلىقىنى پاش قىلغان، دېلوغا چېتىشلىق سومما جەمئىي 104 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە لى X، خەن X قاتارلىق توققۇز ئادەمنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويدى.

  4-دېلو مىسالى: سىچۇەن ئۆلكىسىدىكى تور ئەھلى خۇ X، لەن X قاتارلىق تۆت ئادەمنىڭ تور ئالدامچىلىقى دېلوسى

  2021-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى، تور ئەھلى خۇ Xنىڭ «يىدۈي» APPسى ئارقىلىق ئۆزىنى شياڭگاڭ ئاكسىيە شىركىتىدە ئىشلەيمەن دەپ يالغان ئېيتىپ، «ئۆزۈم شياڭگاڭدا، يان تېلېفوننىڭ سىگنالى ناچار» دېگەننى باھانە قىلىپ، شىنجاڭدىكى تور ئەھلىنى «شياڭگاڭ ئاكسىيە بىرژىسى» سۇپىسىغا مەبلەغ سېلىشقا دەۋەت قىلغانلىقىنى ھەم لەن X، ۋاڭ X، لاڭ X بىلەن بىرلىشىپ «شياڭگاڭ ئاكسىيە بىرژىسى» سۇپىسى مۇلازىمەتچىسى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، ئىلى ئوبلاستىدىكى تور ئەھلىنى توردا ئالدىغانلىقىنى پاش قىلغان. دېلوغا چېتىشلىق سومما جەمئىي 2 مىليون 526 مىڭ يۈەن. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە خۇ X، لەن X قاتارلىق تۆت ئادەمنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويدى.

  5-دېلو مىسالى: بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تور ئەھلى م Xنىڭ تور ئالدامچىلىقى دېلوسى

  2021-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى، تور ئەھلى م Xنىڭ ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ، ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم ئالىي مەكتەپنىڭ قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى بېجىرىپ بېرىش ساختا ئۇچۇرىنى تارقىتىپ، بورتالا ئوبلاستى، خوتەن، قەشقەر قاتارلىق كۆپ جايدىكى تور ئەھلىنى ئالدىغانلىقىنى پاش قىلغان، دېلوغا چېتىشلىق سومما جەمئىي 90 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە م Xكە جىنايى ئىشلار بويىچە مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللاندى.

  6-دېلو مىسالى: قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تور ئەھلى ئا Xنىڭ تور ئالدامچىلىقى دېلوسى

  2021-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى، تور ئەھلى ئا Xنىڭ ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ، جيانېڭ يەككە ئەينەكلىك نۇر قايتۇرغۇچى فوتو ئاپپاراتىنى ۋاكالىتەن سېتىش ھەققىنى ئېلىشنى باھانە قىلىپ تور ئالدامچىلىقى قىلغانلىقىنى پاش قىلغان، دېلوغا چېتىشلىق سومما جەمئىي 9580 يۈەن. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ئا Xنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويدى.

  7-دېلو مىسالى: فۇجىيەن ئۆلكىسىدىكى تور ئەھلى جېڭ Xنىڭ تور ئالدامچىلىقى دېلوسى

  2021-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى، تور ئەھلى جېڭ Xنىڭ ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ، تالۇنلۇق مەبلەغ سېلىش APPسىنىڭ خېرىدارلار مۇلازىمەتچىسى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى تور ئەھلىنى ئالدىغانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە جېڭ Xنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويدى.

  8-دېلو مىسالى: قەشقەر ۋىلايىتىدىكى تور ئەھلى م Xنىڭ تور ئالدامچىلىقى دېلوسى

  2021-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى، تور ئەھلى م Xنىڭ ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ، يالغاندىن موتسىكلىت سېتىۋېلىشنى باھانە قىلىپ تور ئەھلىنى ئالدىغانلىقىنى پاش قىلغان، دېلوغا چېتىشلىق سومما جەمئىي 14 مىڭ يۈەن. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە م Xنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويدى.

  9-دېلو مىسالى: ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تور ئەھلى ل Xنىڭ قان سېتىشقا قانۇنسىز تەشكىللەش دېلوسى

  2021-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى، تور ئەھلى ل Xنىڭ ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ، قان سېتىشقا قانۇنسىز تەشكىللىگەنلىكىنى پاش قىلغان، دېلوغا چېتىشلىق سومما جەمئىي 7000 يۈەندىن ئارتۇق. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ل Xنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويدى.

  10-دېلو مىسالى: قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تور ئەھلى ئا Xنىڭ شەھۋانىي بۇيۇملارنى سېتىش، تارقىتىش دېلوسى

  2021-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى، تور ئەھلى ئا Xنىڭ پەيتلىك خەۋەرلىشىش قورالىدىن پايدىلىنىپ شەھۋانىي ئۈن، سىننى تارقاتقان، ساتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ئا Xنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويدى.

  11-دېلو مىسالى: قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تور ئەھلى ي Xنىڭ توردا قىمار ئويناشقا قاتنىشىش دېلوسى

  2021-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى، تور ئەھلى ي Xنىڭ پەيتلىك خەۋەرلىشىش قورالىدىن پايدىلىنىپ، قىمار ئويناش يۇمشاق دېتالىنى چۈشۈرۈپ، توردا قىمار ئويناش پائالىيىتىگە قاتناشقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ي Xقا قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بەردى.

  12-دېلو مىسالى: ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ياڭ Xنىڭ پىتنە-ئىغۋا تارقىتىش دېلوسى

  2021-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى، تور ئەھلى ياڭ Xنىڭ قىسقا سىن سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدا پىتنە-ئىغۋا تارقىتىپ، ئاممىۋى تەرتىپنى بۇزغانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ياڭ Xنى قانۇن بويىچە مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويدى.

  13-دېلو مىسالى: ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تور ئەھلى يۆ Xنىڭ پىتنە-ئىغۋا تارقىتىش دېلوسى

  2021-يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى، تور ئەھلى يۆ Xنىڭ پەيتلىك خەۋەرلىشىش قورالىدىن پايدىلىنىپ، «غۇلجا شەھىرى چۈشتىن كېيىن شەھەرنى قامال قىلىدۇ، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ تۈرلۈك ماددىي بۇيۇملارنى زاپاس ساقلىۋېلىڭلار.» قاتارلىق يۇقۇمغا چېتىلىدىغان پىتنە-ئىغۋالارنى تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە يۆ Xنى مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويدى.

  14-دېلو مىسالى: «يۈز يىللىق ئورگانىك ئۈزۈم ھارىقى» ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ئۇچۇر ئېلان قىلىش دېلوسى

  2021-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى، تور ئەھلى «يۈز يىللىق ئورگانىك ئۈزۈم ھارىقى» ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسىنىڭ چوڭ بايرامنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى باھانە قىلىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ئېلان ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىپ، تور ئېكولوگىيەسىدە ناچار تەسىر پەيدا قىلغانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئالاقە تورى ئۇچۇرى تارماقلىرى بۇ ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسىنىڭ باشقۇرغۇچىسىنى سۆھبەتكە چاقىردى ۋە سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇدى.

  15-دېلو مىسالى: «football» ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ئۇچۇر ئېلان قىلىش دېلوسى

  2021-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى، تور ئەھلى «football» ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسىنىڭ پەسكەش-چاكىنا ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىپ، تور ئېكولوگىيەسىدە ناچار تەسىر پەيدا قىلغانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئالاقە تورى ئۇچۇرى تارماقلىرى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسىنىڭ باشقۇرغۇچىسىنى سۆھبەتكە چاقىردى ۋە سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇدى.

  ئالاقە تورى ئۇچۇرى تارماقلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، تور بوشلۇقى قانۇن سىرتىدىكى جاي ئەمەس، ھەرقايسى تور بېكىتى سۇپىلىرى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، تورنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇپ، ئاكتىپ، ساغلام، ئالغا ئىنتىلىدىغان، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان تور مەدەنىيىتىنى يېتىشتۈرۈشى كېرەك. كەڭ ئۆز تاراتقۇلار ۋە تور ئەھلى قانۇن بويىچە تور ئىشلىتىپ، تورغا مەدەنىي چىقىپ، ياخشى تور ئېكولوگىيەسىنى، پاكىز تور بوشلۇقىنى ئورتاق قوغدىشى لازىم. كەڭ تور ئەھلىنىڭ توردىكى قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ قىلمىشلارنى پاكىت بويىچە پاش قىلىشىنى قارشى ئالىمىز، پاش قىلىپ خىزمەت كۆرسەتكەنلەر مۇكاپاتلىنىدۇ.

  پاش قىلىش ئۇسۇلى:

  تور ئادرېسى: http:xjwljb.com تېلېفون نومۇرى: 2384777 - 0991

  ئېلېكتىرونلۇق خەت ساندۇقى: jbzx@cax.gov.cn مىكرو بىلوگ: 新疆网络举报

  ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى: 新疆网络举报

  ساقچىغا مەلۇم قىلىش، پاش قىلىش تېلېفونى: 110

  قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق ساقچىغا مەلۇم قىلىش نومۇرى: 12110

  تور بېكىتى نازارەت قىلىش تېلېفونى: 2384743 -0991
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ