مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش، كەسىپ زەنجىرىنى كۈچەيتىش، كەسىپ زەنجىرىنى تولۇقلاشنى تېزلىتىش كەسىپلەرنى توپلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش

2021.08.27 14:02 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  كىچىك بولغاندا بىر سانلىق مەلۇمات سىمى، بىر تىڭشىغۇچتىن، چوڭ بولغاندا بىر كومپيۇتېر، بىر قۇياش ئېنېرگىيەلىك توك چىقىرىش تاختىسىغىچە، بەلكىم سىزنىڭ كۈندىلىك ئىشلىتىدىغان بەزى ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىڭىز شىنجاڭنىڭ «ئۆزىدە ياسالغان» بولۇشى مۇمكىن.

  ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى ھازىرقى زامان كىشىلىرى تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئۇنىڭغا ئالاقىدار كەسىپلەر تېخىمۇ كەڭ بازار ئىستىقبالىغا ئىگە. «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز «ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى»نى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان ئون چوڭ كەسىپنىڭ بىرى قىلىپ بېكىتتى. يوشۇرۇن كۈچى چەكسىز بولغان شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى كەسپى بۇنىڭ بىلەن يېڭى بىر نۆۋەتلىك تەرەققىيات تاڭ نۇرىنى كۈتۈۋالىدۇ.

  دىققەتنى «ئالىي، سەر خىل، ئىلغار» بولۇشقا مەركەزلەشتۈرۈش

  يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئېلېكتىرون ماتېرىيالى كەسپىگە تۈرتكە بولۇش

  تاشقى كۆرۈنۈشى قارامتۇل كۈمۈش رەڭلىك، گىرۋىكى ئۆتكۈر، قارىماققا پارچىلىنىپ كەتكەن تاش پارچىسىغا ئوخشايدۇ. بۇ ئادەتتىكى كىۋارتىس تاش پارچىسىنى كۆمۈر پارچىسى، ياغاچ پارچىسى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ كان ئوچىقىغا سېلىپ، ئۈزلۈكسىز ئېرىتىش نەتىجىسىدە، «كېپىنەكسىمان ئۆزگىرىش» ھاسىل قىلىنغاندىن كېيىنكى بۇ كىۋارتىس تاش پارچىسىنى يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى، ماشىنا، ئېلېكتىرىك، ئالەم قاتنىشى، ئېلېكتىرون قاتارلىق كۆپ ساھەلەرگە ئىشلەتكىلى بولىدۇ... مانا بۇ ئاجايىپ «كىرېمنىي».

  ئۈرۈمچى گەنچۈەنپۇ ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(سانائەت رايونى)غا جايلاشقان شىنتې ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى كىرېمنىي ساھەسىدە ئون نەچچە يىل چوڭقۇر تاۋلاندى. 2020 - يىلى، شىركەت ئىشلەپچىقارغان كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىينىڭ ھەممىسى ئېلېكتىرون دەرىجىسى ئۆلچىمىگە ئۇيغۇنلاشتى، ئۇنى تېخىمۇ نازۇك ئېلېكتىرون مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىشىغا ئىشلەتكىلى بولىدىغان بولۇپ، شىنجاڭنىڭ كىرېمنىينى ئاساس قىلغان ئېلېكتىرون يېڭى ماتېرىياللىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى بىر چوڭ بۆسۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي يورۇقلۇق ۋولت دەرىجىسى ۋە ئېلېكتىرون دەرىجىسىگە ئايرىلىدۇ، ئىككىسىنىڭ پەرقى ئاساسلىقى ساپلىق دەرىجىسىدە بولۇپ، ھەرقانداق بىر ئىشلەپچىقىرىش ھالقىسىغا ئازراق ئارىلاش ماددا كىرگۈزۈلسە، مەھسۇلات سۈپىتى تەسىرگە ئۇچرايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، شىنتې ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى ھۈنەر - سەنئەت، تېخنىكا، ماتېرىيال، جابدۇق ياساش، قۇرۇلۇش، قۇرۇلمىنى يۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق ھەربىر ئىش تەرتىپىدە ئۆتكەلنى قاتتىق ئىگىلەپ، ھەرقايسى ھالقىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىيدا «دەرىجە ھالقىش»نى ئىشقا ئاشۇردى.

  شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىرون ماتېرىياللىرى ساھەسىدە، يەنە «ئاليومىن»مۇ «كىرېمنىي» بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىدى.

  كۆپ يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ جۇڭخې پاي چەكلىك شىركىتى ئاليومىننى ئاساس قىلغان يېڭى ماتېرىياللارنى يۆنىلىش قىلىپ، «ئاليومىن» سەپىرىدە يول بويى مىڭبىر جاپا - مۇشەققەتلەرنى يەڭدى. ھازىر، شىنجاڭ جۇڭخې پاي چەكلىك شىركىتى «ئېنېرگىيە − يۇقىرى ساپلىق ئاليومىن − ئېلېكتىرون ئاليومىن ياپراقچىسى − ئېلېكتىرود ياپراقچىسى»دىن ئىبارەت ئېلېكتىرون يېڭى ماتېرىياللىرى ئايلانما ئىقتىساد كەسىپلەر زەنجىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، پۈتۈن يەر شارى بويىچە ئەڭ چوڭ يۇقىرى ساپلىق ئاليومىن، كوندېنساتورغا ئىشلىتىلىدىغان ئېلېكتىرون ئاليومىن ياپراقچىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

  «نەچچە ئون يىل تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق، شىركەت ئاچقان ئاليومىن ئېلېكتىرون ئاچقۇچلۇق ماتېرىيال دۆلەت ئىچى بازىرىدىكى بوشلۇقنى تولدۇردى، ئۇ، دۆلەت ئىچىدىكى يېرىم ئۆتكۈزگۈچلۈك نىشان ماتېرىيال ساھەسىگە ئەڭ بۇرۇن كىرگەن كارخانىلارنىڭ بىرى.» شىنجاڭ جۇڭخې پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى چېن جاڭكې مۇنداق دېدى: «يۇقىرى ساپلىق ئاليومىن مەھسۇلاتلىرىنى ئەمەلىي قوللىنىش ھەم چوڭقۇر قاتلاملىق ئېچىشتىمۇ تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، تەتقىق قىلىپ ياسالغان يۇقىرى ساپلىق ئاليومىن نىشان خام ماتېرىيالى دۆلىتىمىزنىڭ زور كۆلەملىك توپلاشتۇرۇلغان توك يولى ياسىمىچىلىق جابدۇقى ھەم يۈرۈشلۈك تېخنولوگىيەسىنى ئاچقۇچلۇق ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىدى».

  «13 - بەش يىل»دىن بۇيان، ئېنېرگىيە بايلىقى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، شىنجاڭ ئوڭۇشلۇق ھالدا «كۆمۈر − ئېلېكتىر − كىرېمنىي − يورۇقلۇق ۋولت قاتارلىق ئېلېكتىرون ماتېرىياللىرى» «كۆمۈر − ئېلېكتىر − ئاليومىن − ئېلېكتىرود ياپراقچىسى قاتارلىق ئېلېكتىرون ماتېرىياللىرى»دىن ئىبارەت ھەرقايسىسى ئۆز خاسلىقىغا ئىگە ئىككى تەرەققىيات يولىنى ئىزدىنىپ تېپىپ چىقتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2020 - يىلى، شىنجاڭنىڭ كىرېمنىينى ئاساس قىلغان ئېلېكتىرون ماتېرىياللىق يادرولۇق مەھسۇلاتى بولغان كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىينىڭ مەھسۇلات مىقدارى 243 مىڭ توننا بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە %61نى، پۈتۈن يەر شارى بويىچە %46نى ئىگىلىگەن؛ ئېلېكتىرون ئاليومىن ياپراقچىسى، ئېلېكتىرود ياپراقچىسى، كۆك ياقۇت، يۇقىرى ساپلىق ئاليومىن نىشان ماتېرىيالى قاتارلىق ئاساسلىق ئاليومىن ئېلېكتىرون ماتېرىياللىرىنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 6 مىليارد يۈەن خەلق پۇلىدىن ئاشقان.

  بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يەتتە ئېيىدا، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي مەھسۇلات مىقدارى 163 مىڭ توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %26.1 ئاشقان، مەھسۇلات قىممىتى 17 مىليارد 300 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %150 ئاشقان؛ ئېلېكتىرود ياپراقچىسىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى 28 مىليون 110 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يەتكەن، مەھسۇلات قىممىتى 1 مىليارد 700 مىليون يۈەندىن ئاشقان. ئاپتونوم رايونىمىز پۈتۈن يەر شارى بويىچە يورۇقلۇق ۋولت كىرېمنىينى ئاساس قىلغان ئېلېكتىرون ماتېرىيالى ۋە ئاليومىن ئېلېكتىرون ماتېرىيالى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئەڭ مۇھىم جايلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.

  خەلق تۇرمۇشىنى كۆزلەشتە چىڭ تۇرۇش

  ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى قۇراشتۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش

  8 - ئاينىڭ 20 - كۈنى سائەت 10دا، ئاقىلئاي مۇرات دەل ۋاقتىدا ئۆز ئىش ئورنىغا يېتىپ باردى. ئاددىي تەييارلىقتىن كېيىن، ئۇ پىشقان مەشغۇلاتى بىلەن تىڭشىغۇچنى قۇراشتۇرۇشقا باشلىدى.

  ئاقىلئاي ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش نۇقتىسى سىلۇ جيايۈەن ئولتۇراق رايونىنىڭ ئاھالىسى. 2019 - يىلى 5 - ئايدا تاغدىن كۆچۈپ چۈشكەندىن كېيىن، ئۇ نېمە ئىش قىلغاندا ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشىلىغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئىزچىل ئويلىنىپ كەلدى.

  شۇ يىلى 9 - ئايدا، بىر ئېلېكتىرون پەن - تېخنىكا شىركىتى سىلۇ جيايۈەن ئولتۇراق رايونى ئەتراپىدا زاۋۇت قۇرۇپ، ئاقىلئاينى خۇشال قىلىۋەتتى. تىزىمغا ئالدۇرۇش، تەربىيەلىنىش، ئىش ئورنىغا چىقىش، ئەڭ دەسلەپكى كۈندىلىك ۋەزىپىسى ئاران 100دىن ئېشىشتىن، بۈگۈنكى كۈندە كۈنىگە 3000 ئەتراپىدا بولۇشقىچە، ئاقىلئاي بۇ خىزمەتكە بارغانسېرى پىشتى، مائاشى ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى.

  «زاۋۇتتا نۆۋەتتە 200دىن ئارتۇق ئىشچى بار، كېيىنكى قەدەمدە ئىشلەپچىقىرىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، سىلۇ جيايۈەن ھەم ئەتراپتىكى تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولىمىز» دېدى زاۋۇت باشلىقى شيې سۇڭدې.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايون ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى قۇراشتۇرۇش كەسپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇش ۋە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى نۇقتىلىق كەسىپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شەرقىي، ئوتتۇرا قىسىمدىكى كەسىپلەرنىڭ يۆتكىلىشىنى سىجىل قوبۇل قىلىپ، ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى قۇراشتۇرۇش كارخانىلىرىنى ماكانلىشىشقا زور كۈچ بىلەن جەلپ قىلدى. 2018 - يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايوننىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەر تەرەققىياتىنى قوللاش ئېتىبار سىياسىتىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىرىلىشى ھەمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ يېتەكلىشىگە ئەگىشىپ، ئوتتۇرا، شەرقىي قىسىمدىكى ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى قۇراشتۇرۇش كارخانىلىرى شىنجاڭغا، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا يۆتكىلىشنى تېزلەتتى.

  بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى قۇراشتۇرۇش كارخانىسى 160تىن ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا 140تىن ئاشتى، ئۈرۈمچى شەھىرى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلاردا 20سى بار. پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى قۇراشتۇرۇش كەسپىگە 25 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قوبۇل قىلىنىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئايلىق كىرىم 2000 يۈەندىن 3000 يۈەنگىچە بولۇپ، 100 مىڭ كىشىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا بىۋاسىتە تۈرتكە بولۇندى.

  «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز ئوتتۇرا، شەرقىي قىسىمدىكى ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى قۇراشتۇرۇش كەسپى بويىچە كەسىپ يۆتكىلىشىنى سىجىل قوبۇل قىلىپ، كەسىپلەرنىڭ توپلىنىشىنى شەكىللەندۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۈزلۈكسىز ئۇزارتىپ، ئۈرۈمچى، قەشقەر، قورغاس ئېلېكتىرون كەسىپلەر باغچىسىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا سىڭىشىشىنى قوللاپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون، تاختا كومپيۇتېر، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئەۋرىشىم ئۈسكۈنە، LED يورۇتۇش ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىش، پىششىقلاش بازىسى بەرپا قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى قۇراشتۇرۇش كەسپى توپلاشقان رايوننى سىجىل بەرپا قىلىدۇ.

  كەسىپ زەنجىرىنى كۈچەيتىش

  ئېلېكتىرون كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىش

  قۇراشتۇرۇش، ئالدىن ئۆلچەش، تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش، كېيىنكى ئۆلچەش قاتارلىق قۇراشتۇرۇش ھالقىلىرىدىن كېيىن، بىر «تىيانشان يۈرۈشلۈكى» كومپيۇتېر تولۇق قۇرۇلمىسى 30 سېكۇنتتىلا پۈتتى. جۇڭگو چاڭچېڭ(شىنجاڭ) ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش بازىسى ھەر كۈنى 400 ئەتراپىدا كومپيۇتېر تولۇق قۇرۇلمىسىنى ئىشلەپچىقىرالايدۇ.

  پۈتۈن يۈرۈشلۈك ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە ماشىنا بىلەك بىلەن تۇتۇش ياكى ماگنىت كۈچى ئىندۇكسىيە ئۇسۇلىنى قوللىنىش ئارقىلىق ئاپتوماتىك ئىشلەپچىقىرىش ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئىشچىلار پەقەت ئىنچىكىلەشتۈرۈلگەن تۈزىتىپ ھۆكۈم چىقىرىشقا مەسئۇل بولىدۇ.

  ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىگە تايىنىپ، جۇڭگو ئېلېكتىرون گۇرۇھى جۇڭگو چاڭچېڭ پەن - تېخنىكا گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى 2025 - يىلىنىڭ ئالدى - كەينىدە يىلىغا 1 مىليون كومپيۇتېر تولۇق قۇرۇلمىسىنى ياساش ئىقتىدارىغا يېتىشنى پىلانلىدى.

  جۇڭگو چاڭچېڭ(شىنجاڭ) ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش بازىسى ئىشلەپچىقارغان چاڭچېڭ كومپيۇتېرى، مۇلازىمېتىر ۋە خاتىرە كومپيۇتېر قاتارلىق مەھسۇلاتلار شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىرون ئۇچۇر ياسىمىچىلىقى كەسپىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە يەنىمۇ تۈرتكە بولدى.

  2019 - يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلىدىغان كومپيۇتېر، تور ئۈسكۈنىلىرى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىپ، مەدەت بېرىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ دۆلەت ئىچىدىكى ئىككى باشلامچى IT ياسىمىچىلىقى كارخانىسىنى ئۈرۈمچىگە ماكانلىشىشقا جەلپ قىلدى، 2020 - يىلى ئۆز ئالدىغا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە، بىخەتەر، كونترول قىلغىلى بولىدىغان كومپيۇتېر تېرمىنالى، تور ئۈسكۈنىلىرىنى شىنجاڭنىڭ ئۆزىدە ئىشلەپچىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يەتتە ئېيىدا، شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىلغان، سېتىلغان كومپيۇتېر، مۇلازىمېتىر ئايرىم - ئايرىم ھالدا 35 مىڭدىن، 15 مىڭدىن ئاشتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز مۇھىم، زور تۈرلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تۇتقا قىلىپ، بىر تۈركۈم ئېلېكتىرون ئۇچۇر ياسىمىچىلىقى، ئېلېكتىرون يېڭى ماتېرىيال كەسپىنى يېتىشتۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ كەسىپ ئاساسىنى پۇختىلايدۇ. ئۇچۇر، يېڭىلىق يارىتىش كەسپى ئېكولوگىيەلىك باغچە رايونىنى سىجىل بەرپا قىلىپ، بىر تۈركۈم تېرمىنال سىرتقى ئۈسكۈنىلىرى يۈرۈشلۈكلىرىنى ياساش كارخانىلىرىنى كىرگۈزۈپ، كەسىپ زەنجىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قىممەت زەنجىرىنى يۈكسەلدۈرىدۇ. كىرېمنىينى ئاساس قىلغان، ئاليومىننى ئاساس قىلغان ئېلېكتىرون ماتېرىيالى كەسپىنى توپلاپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلەش ۋە ئىلھام بېرىشنى كۈچەيتىپ، كەسىپ تېخنىكا زەنجىرى، مەھسۇلات زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنى ئۈزلۈكسىز ئۇزارتىپ ۋە مۇستەھكەملەپ، دۇنيا دەرىجىلىك كىرېمنىينى ئاساس قىلغان يېڭى ماتېرىيال كەسىپ توپى ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىم ئاليومىننى ئاساس قىلغان ئېلېكتىرون كەسىپ توپىنى بەرپا قىلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ