مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

نۇقتىلىق تۈرلەر بويىچە ئىمزالانغان ئومۇمىي سومما 200 مىليارد يۈەنگە يېقىنلاشتى

2021.08.27 13:59 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  تاۋار سودا كۆرگەزمىسىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى ۋە نۇقتىلىق تۈرلەردە كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

  نۇقتىلىق تۈرلەر بويىچە ئىمزالانغان ئومۇمىي سومما 200 مىليارد يۈەنگە يېقىنلاشتى

  8 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، 2021 - يىللىق تور (جۇڭگو) ئاسىيا - ياۋروپا تاۋار سودا كۆرگەزمىسىنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش بويىچە تونۇشتۇرۇش يىغىنى ۋە نۇقتىلىق تۈرلەردە كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «تونۇشتۇرۇش يىغىنى» دېيىلىدۇ) ئۆتكۈزۈلدى، سودىگەر چاقىرىپ ئىچكى جەھەتتە بىرلىشىش ھەمكارلىق تۈرىدىن جەمئىي 225ى ئىمزالاندى، پىلاندىكى مەبلەغ سېلىش ئومۇمىي سوممىسى 195 مىليارد 513 مىليون يۈەن بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە، رايون سىرتى سالغان مەبلەغ 176 مىليارد 791 مىليون يۈەن بولۇپ، ئومۇمىي سومما 2017 - يىلىدىكى تاۋار سودا كۆرگەزمىسىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %38.59 ئاشتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى چېن ۋېيجۈن پائالىيەتكە قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى. نۆۋەتتە، شىنجاڭ «بىر پورت، ئىككى رايون، بەش چوڭ مەركەز، پورت ئىقتىساد بەلبېغى» قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىغا چوڭقۇر قاتنىشىپ، مەركەز گەۋدىلىك بولغان، شەرق بىلەن غەرب تۇتاشقان، جەنۇب ۋە شىمالغا تەسىر كۆرسىتىدىغان، قاتلاملىرى ئېنىق بولغان، پەرقلىق تەرەققىي قىلىدىغان ئوچۇق ئىقتىساد بوشلۇق ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بەرپا قىلدى.

  چېن ۋېيجۈن مۇنداق دېدى: ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، شىنجاڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، 1 - كەسىپنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، 2 - كەسىپتە مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇش، 3 - كەسىپنى زور تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېچىۋېتىش دەرىجىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، دۇنيا بىلەن تۇتاشقان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان «مەنپەئەت ئورتاق گەۋدىسى»، ئورتاق تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىدىغان «تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى»نى بەرپا قىلىدۇ. شىنجاڭ دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى كارخانىلار بىلەن قول تۇتۇشۇپ، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش، ئىتتىپاقلىشىش، ئورتاق پايدا ئېلىش ئەقىدىسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتىپ، ھەمكارلىق يېڭى پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش، تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

  بۇ قېتىمقى تونۇشتۇرۇش يىغىنى بىر گەۋدىلەشكەن كۆرگەزمە مۇلازىمەت سىستېمىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، «ئاساسىي يىغىن مەيدانى+شۆبە يىغىن مەيدانى» شەكلىنى قوللىنىپ، بۇلۇتتا كېلىشىم ئىمزالاش ئىقتىدارىنى ئىشقا ئاشۇردى. ئۈرۈمچى ئايرودۇرۇم ئەتراپى ئىقتىساد ئۈلگە رايونى، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى قاتارلىقلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئاساسىي يىغىن مەيدانى ۋە شۆبە يىغىن مەيدانلىرىدا كەسىپلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، مەبلەغ سېلىش سىياسىتى ۋە تەرەققىيات مۇھىتىنى تونۇشتۇردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ