مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

1 - پەسىلدە شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش توك مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %42 ئاشتى

2021.04.29 15:42 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  1 - پەسىلدە، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش توك مىقدارى 29 مىليارد 300 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %42 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، سىرتقا يەتكۈزۈلگەن يېڭى ئېنېرگىيە توك مىقدارى 7 مىليارد 500 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، 1 - پەسىلدە سىرتقا يەتكۈزۈلگەن ئومۇمىي توك مىقدارىنىڭ تەخمىنەن %25ىنى ئىگىلىگەن.

  بۇ يىل 3 - ئايدا، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ سىرتقا يەتكۈزگەن يېڭى ئېنېرگىيە توك مىقدارى 3 مىليارد 100 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.3 ئاشقان، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن سىرتقا يەتكۈزۈلگەن يېڭى ئېنېرگىيە توك مىقدارى 100 مىليون كىلوۋات سائەت بولغان.

  شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سودا مەركىزى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئانالىز قىلىشىچە، يېڭى ئېنېرگىيە بويىچە سىرتقا يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارىنىڭ سىجىل ئېشىشىدا بىر تەرەپتىن، شەرقىي جۇڭغار - جەنۇبىي ئەنخۇي 1100± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ يانداش يېڭى ئېنېرگىيە تۈرى تېز ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، خۇادۇڭ رايونىغا يەتكۈزۈلىدىغان توك مىقدارى زور دەرىجىدە ئاشقان. يەنە بىر تەرەپتىن، كارخانىلار پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بازىرىنىڭ ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جانلىق بولغان ئۆلكە ئارا سىرتقا يەتكۈزۈش ئىستراتېگىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، يېڭى ئېنېرگىيە قىسقا مۇددەتلىك كۆپ كۈنلۈك سودىسى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ۋاقىتلىق سىرتقا يەتكۈزۈشكە تەشكىللەپ، شىنجاڭنىڭ سىرتقا يەتكۈزۈش يولىنىڭ تۆۋەن مەزگىلدىكى توك يەتكۈزۈش ئىقتىدارىنى تولۇقلاپ، يولدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى ئېنېرگىيە بويىچە سىرتقا يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

  شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سودا مەركىزى چەكلىك شىركىتى سودا بۆلۈمىنىڭ مەخسۇس مەسئۇلى جاڭ جۈن مۇنداق بىلدۈردى: دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى بۇ يىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش توختامى ۋە ئىككى ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش يولىنىڭ يانداش توك مەنبەسىدىن توك يەتكۈزۈش پىلانىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش كۆلىمىنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئۆستۈردى، يېڭى ئېنېرگىيەنى سىرتقا يەتكۈزۈشنى كېڭەيتىشكە پۇختا ئاساس سالدى.

  «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى دىققەتنى شىنجاڭنىڭ ئىچى - سىرتىدىكى ئىككى بازار ھەمدە ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستېمالدىن ئىبارەت ئىككى مۇھىم نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، رايون ھالقىپ توك يەتكۈزۈش ئىقتىدارى ۋە ئېنېرگىيە بايلىقىنى تەڭشەپ تەقسىملەش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ