بۇ يىل 1 - پەسىلدە، ئاپتونوم رايون نۇقتىلىق ساھەلەردىكى مەبلەغ چىقىمىغا كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە، شەھەر - يېزىلاردىكى مەھەللىلەر، ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ساھەلىرىگە ئىشلىتىلگەن چىقىمنىڭ مالىيە چىقىمىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %76.7كە يەتكەن.
سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 1 - پەسىلدە، ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك مالىيە چىقىمى 29 مىليارد 450 مىليون يۈەن بولۇپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى %25.5 بولغان؛ ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لەرنىڭ مالىيە چىقىمى 85 مىليارد 910 مىليون يۈەن بولۇپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى %74.5 بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە، شەھەر - يېزا مەھەللىلىرى چىقىمى %42.1 ئاشقان، ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت قوغداش چىقىمى %40.2 ئاشقان، ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش چىقىمى %18.8 ئاشقان.
ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، «ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، مائاشقا كاپالەتلىك قىلىش، يۈرۈشۈشكە كاپالەتلىك قىلىش» چىقىمىنى مالىيە چىقىمىدا ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش» چىقىمى مەبلىغىگە كاپالەتلىك قىلىشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلىگەن. بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلامنى قوللاش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، سىجىل تۈردە مەبلەغنى ئاساسىي قاتلامغا مايىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ مۇقىم، تەكشى يۈرۈشۈشىنى مالىيە كاپالىتى بىلەن تەمىنلىگەن.
ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايون پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە مەبلىغى چىقىمىنى خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە مايىللاشتۇرۇش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، مۇقىملىق پايدىسى، تەرەققىيات نەتىجە - ئۈنۈمىدىن ھەر مىللەت ئاممىغا تېخىمۇ كۆپ نەپ يەتكۈزۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى يەنىمۇ ئاشۇرىدۇ.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ