مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

100 يىللىق مۇساپىنى كۆرۈش مەنىۋى كۈچ يەتكۈزۈش

− شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كۇتۇپخانىلار بەس - بەستە قىزىل كىتاب ئوقۇش ۋە كۆرگەزمە پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

2021.04.29 15:40 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  «بۇ يىل پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، شانلىق مۇساپىنى سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ، جاپا ئالدىدا راھەت كەينىدە...» 4 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، يېقىملىق دومبىرا مېلودىيەسىگە ئەگىشىپ، ئالتاي شەھەرلىك كۇتۇپخانىدا «100 يىللىق پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىپ، بەختلىك تۇرمۇشنى مەدھىيەلەيلى» تېمىسىدىكى ئۆزگىچە لېكسىيە قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى.

  «ئالتاي شەھەرلىك كۇتۇپخانا قىزىل كىلاسسىك ئەسەرلەرنى دېكلاماتسىيە قىلىش، <پارتىيەنىڭ شانلىق 100 يىللىق تارىخى> يۈرۈشلۈك لېكسىيە سۆزلەش ۋە توردا ئوقۇشنى كېڭەيتىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، كەڭ شەھەر ئاھالىلىرىنى قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش ئۇلۇغ كۈچىنى مۇجەسسەملەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى» دېدى ئالتاي شەھەرلىك كۇتۇپخانىنىڭ كۇتۇپخانا باشلىقى مۇراتبېك خۇمار.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كۇتۇپخانىلار قىزىل ھۆججەت - ماتېرىيال كۆرگەزمىسى، كىلاسسىك ئەسەرلەرنى دېكلاماتسىيە قىلىش، «تۆت تارىخ» مۇنبىرى، بالىلار قەلبى پارتىيەگە تەلپۈنىدۇ قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قىزىل گېن، ئىنقىلاب مەشئىلىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان.

  سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق كۇتۇپخانا زالىدا پارتىيە تارىخى بىلىملىرىگە ئائىت سوئال - جاۋابتىن 100 پارچە پىلاكات ئېسىلغان بولۇپ، ھەر كۈنى نۇرغۇن ئوقۇرمەننى بۇ يەرگە كېلىپ جاۋاب بېرىشكە جەلپ قىلاتتى. سانجى ئوبلاستلىق كۇتۇپخانا پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، كۇتۇپخانا باشلىقى لى شيۇچىن مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ كۇتۇپخانا يەنە «پارتىيە تارىخىنى ئوقۇش - ئومۇملاشتۇرۇش مەخسۇس جازىسى» تەسىس قىلىپ، پارتىيە تارىخى نەشر بۇيۇملىرىنى ئىنچىكە تاللاپ، كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى ئېھتىياجىنى قاندۇردى.

  كورلا شەھەرلىك كۇتۇپخانىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ياڭ پىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، كۇتۇپخانىمىز جەمئىي 30 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ئوقۇرمەننى كۈتۈۋېلىپ، «پارتىيە تارىخى ھېكايىلىرى»دىن مىكرو بەھرىلىنىش، «پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش» پارتىيە دەرسى، كىتاب ئوقۇش كەيپىياتىغا تولغان كورلا، ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش قاتارلىق تور ۋە تور سىرتىدىكى 42 پائالىيەتنى ئارقا - ئارقىدىن قانات يايدۇردى.

  قومۇل شەھەرلىك كۇتۇپخانا «كىتابنى ۋاسىتە قىلىپ، سىز بىلەن ئالاقە باغلاي، سىز كىتاب تاللىسىڭىز، مەن پۇل تاپشۇراي» تېمىسىدىكى كىتاب ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش پائالىيىتى، «قىزىل ھېكايىلەرنى سۆزلەش، قىزىل ۋارىسلاردىن بولۇش» ھېكايە سۆزلەش مۇسابىقىسى، «قىزىل كىلاسسىك ئەسەرلەرنى كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇپ، قىزىل روھنى ئەۋج ئالدۇرۇش» ياخشى كىتابلاردىن بەھرىلىنىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى، «مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش» قىزىل كىلاسسىك ئەسەرلەرنى دېكلاماتسىيە قىلىش مۇسابىقىسى قاتارلىق بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئارقا - ئارقىدىن ئۆتكۈزۈپ، پۈتۈن شەھەر بويىچە تارىخنى بىلىپ پارتىيەنى سۆيۈش، تارىخنى بىلىپ ۋەتەننى سۆيۈش قويۇق كەيپىياتىنى ياراتتى.

  قەشقەر شەھەرلىك كۇتۇپخانا پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كۇتۇپخانا باشلىقى پەن يەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 4 - ئاينىڭ 22 - كۈنىدىن 24 - كۈنىگىچە، كۇتۇپخانىمىز «سىز كىتاب تاللىسىڭىز، مەن پۇل تاپشۇراي» تېمىسىدىكى مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى يولغا قويدى. پائالىيەت مەزگىلىدە، شەھەر ئاھالىلىرى قەشقەر كىتاب شەھەرچىسىنىڭ يېڭى كىتاب تەۋسىيە قىلىش مەخسۇس رايونىدا ياخشى كۆرىدىغان بىر - ئىككى پارچە كىتابنى تاللىغاندىن كېيىن، كۇتۇپخانا كىتابنى سېتىۋالىدۇ، شەھەر ئاھالىلىرى كىتاب ئارىيەت ئېلىش رەسمىيىتىنى تاماملىغاندىن كېيىن، كىتابنى ئۆيىگە ئېلىپ كېتىپ ئوقۇيالايدۇ، ئارىيەت ئېلىش مۇددىتى بىر ئاي بولىدۇ.

  «مەھەللە ئاھالىلىرى، مەن بۈگۈن كۆپچىلىككە <لېي فېڭنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى>نى ئوقۇپ بېرىمەن...» 4 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونى بۇيلۇق كوچا باشقارمىسى بەشمەھەللە مەھەللىسىدە، پىدائىي ئاھالىلەرگە ھاياجان بىلەن دېكلاماتسىيە قىلىپ بەردى. شۇ كۈنى تۇرپان شەھەرلىك كۇتۇپخانا بۇ مەھەللىگە 200 پارچىدىن ئارتۇق ئوقۇتۇش قوشۇمچە ماتېرىيالى ۋە كىتاب سوۋغا قىلدى ھەم «پارتىيە تارىخى تەربىيەسىنى كود ئارقىلىق كۆرۈش» «پارتىيە تارىخى تەربىيەسىنى كود ئارقىلىق ئاڭلاش» رەقەملىك قىزىل بايلىق ئېلانى ئىشلىدى.

  «بىز پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك كۇتۇپخانىلاردا پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى باغچىسى بەرپا قىلىپ، كۇتۇپخانىدا ساقلانغان قىزىل ھۆججەتلەر مەخسۇس جازىسى ۋە <قىزىل ئېلېكتىرونلۇق كىتابلار ئېقىمى> تەسىس قىلىپ، <پارتىيەنىڭ ئاۋازىنى كود ئارقىلىق ئاڭلاش> قاتارلىق كىتاب ئاڭلاش تاملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، پارتىيە تارىخى، پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈرىدىكى قىزىل ھۆججەتلەر ۋە رەقەملىك بايلىقلارنى مەركەزلىك نامايان قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدىكى <ئىككىنچى دەرسخانا>نى بەرپا قىلىپ، كۆپچىلىكنى <ماركسىزم - لېنىنىزمنىڭ ئەسلىي ئەسەرلىرىنى ئوقۇش، قىزىل كىلاسسىك ئەسەرلەردىن ھۇزۇرلىنىش، يۈكسەك بۇرچنى چۈشىنىش> بويىچە بىر بېكەت شەكلىدىكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيمىز.» شىنجاڭ كۇتۇپخانا ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ۋۇ چيەن مۇنداق دېدى: پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىكى 109 ئاممىۋى كۇتۇپخانا، 35 ئالىي مەكتەپ كۇتۇپخانىسى بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى مەزگىلىدە «كىتاب ئوقۇش كەيپىياتىغا تولغان تىيانشان، ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، بۇ پائالىيەت پۈتۈن شىنجاڭنى قاپلىدى، ئاساسىي قاتلامغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ